خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىدىن كامىلە ۋاھىتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

25-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ۋە قەشقەردىكى مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان 19 ياشلىق ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىت ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىدىن 19 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خېنەندىكى شاڭچيۇ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋاھىت، 2022-يىلى 12-دېكابىر قولغا ئېلىنغان ۋە ‹ئاشقۇنلۇقنى تەرغىب قىلىش› جىنايىتى بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر پەقەت ئۆزلىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈردىكى ئەيىبلەشلەرنى ھەمىشە ئىشقا سالىدۇ. ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا، كامىلەنىڭ بۇ خىل ‹جىنايەت› بىلەن ئەيىبلىنىشنىڭ سەۋەبى، ئۇ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان ئۈندىداردا خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تىنچ نامايىش توغرىسىدىكى سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن ئۈچۈن ئىكەن. نامايىش ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، كامىلە ھازىر قەشقەر مۇش ئاياللار تۈرمىسىدە قاماقتا تۇرماقتا.»

ۋىدىيونىڭ نەشر ھوقۇقى amnesty.org غا تەۋە

ئۇلار باياناتىدا يەنە كامىلەنىڭ شەخسىي پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان ئادالەتسىز سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولغانلىقنى تەكىتلىگەن.

بىز بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇلاردىن بۇ باياناتقا قارىتا پىكىر بايان قىلىدىغان بىرى چىقمىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفى رىچاردسون خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كامىلە ۋاھىت ھەققىدە چىقارغان بۇ كۈچلۈك چاقىرىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئاساسەن، شەخسلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. كامىلەنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنى تۈرمىگە سولاش ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇش، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ چاقىرىقىنى تامامەن قوللايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى كامىلە ۋاھىتقا كېسىلگەن جازانى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «كامىلە ۋاھىتنىڭ پەقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈنلا 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، بېيجىڭنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىشتا ۋاسىتە تاللىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كامىلە ۋاھىت دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. نامايىشقا ئائىت بىر سىننى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىم تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەك.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىگە قىلغان چاقىرىقىغا كامىلە ۋاھىت ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن قىسقا بىر ۋىدىيونىمۇ قوشۇپ ھەمبەھىرلىگەن. ۋىدىيودا كامىلە ۋاھىتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئاكىسى كەۋسەر ۋاھىتنىڭ سىڭلىسى كامىلەنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ 19 ياشلىق ئوقۇغۇچى كامىلە ۋاھىتنىڭ تۈرمىگە ئەمەس، مەكتەپكە مەنسۇپ بىر ياش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كامىلە ۋاھىتنىڭ دېلوسىغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردا مەخسۇس يازما ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن كامىلە ۋاھىتنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.