غۇلجادىكى ئالتۇن كان ئاستىدا قالغان 18 كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن ھازىرغىچە خەۋەر ئېلىنمىغان

0:00 / 0:00

غۇلجادا كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگىلى بۈگۈن 10 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئالتۇن كان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش نازارىتى قوماندانلىق مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈن، يەنى كان ئۆرۈلۈپ 10‏-كۈنىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە بىرەر كىشىنىڭمۇ كان ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقمىغانلىقىنى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجادىكى ئالتۇن كاندا گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئاخبارات يىغىنى ئاچتى. مەزكۇر يىغىننىڭ باياناتىدا، ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگان ۋە رەھبەرلەرنىڭ ھەرىكەتكە كەلگەنلىكى گەۋدىلەندۈرلگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ سەۋەبى، جاۋابكارلىرى، كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. خىتاي ئاخباراتى ۋەقەدە 18 كىشىنىڭ گۈمۈرۈلگەن كان ئاستىدا قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇشنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە تا ھازىرغىچە خەۋەر بەرمىدى.

بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن غەربىي دىيار ئىلى ئالتۇن كان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، ئۆزىنىڭ قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ياكى توختىغانلىقى ھەققدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە قوماندانلىق ئىشتابىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

«غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ دەرۋازىسى.
«غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ دەرۋازىسى. (stc-new.8531.cn)

بىز ئۇنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش نازارىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ غۇلجادىكى گۈمۈرۈلگەن ئالتۇن كاندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ياكى توختغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەركەتنىڭ بۈگۈنمۇ، يەنى ئالتۇن كان ئۆرۈلگەندىن بۇيانقى 10‏-كۈنىدىمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. نازارەت رەھبەرلىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ بۈگۈن يەنە غۇلجادىكى نەق مەيدانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، بۈگۈنگىچە قۇتۇلدۇرۇلغان بىرەر كىشىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ، بۇ ھەقتە دۆلەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مىنىستىرلىكىدىن مەلۇمات ئالالايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.

بىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى، ئەگەر بار بولسا سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخبارات باياناتىدىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇننىڭغا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دەسلەپكى كۈنى پەقەت بىر قېتىملا ئاخبارات باياناتى بەرگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتۇق. ئۇ بۇنىڭغا جاۋبەن، بىز بۇ سوئالنى سوراۋاتقان دەل مۇشۇ ۋاقتىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇينىڭ خىتاي دۆلەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مىنىستېرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياڭشىغا غۇلجادىكى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز مەزكۇر خادىمدىن، قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە قانچە نەپەر خادىمنىڭ قانداق ئەسلىھەلەر بىلەن ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ ئالتۇن كولاش كانىنىڭ يەر ئاستى.
«غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ ئالتۇن كولاش كانىنىڭ يەر ئاستى. (Social Media)

بىز يەنە بۇ خادىمدىن، كان ئاستىدا قالغان كىشىلەرنىڭ كىملىكلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى، جىنسى ۋە يېشى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىمۇ دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

بىز مەزكۇر خادىمدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يەنە قانچە كۈن داۋام قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بەزى ئۇچۇرلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالسا، بەزى ئۇچۇرلارنى بىلسىمۇ، لېكىن دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر قوماندانلىق ئىشتابىدىكى يەنە بىر خادىممۇ، ئۆتكەن قېتىم بىزگە جاۋاب بەرگىنىدەك، بۇ ۋەقەگە ئائىت ئۇچۇرلارنى خالىغانچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى، پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەتلىگەن ۋە رۇخسەت قىلغان ئۇچۇرلارنىلا تارقىتىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، كان ئاستىدا قالغان 18 كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنىڭ قورامىغا يەتمىگەن ئىشچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بىز قالغانلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن كان جايلاشقان رايونىدىكى ئىدارە-ئورگانلارغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. ئونيار بازارلىق ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى، كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ كىملىكلىرىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. جېلىليۈزى بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ خادىمىمۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما كان ئاستىدا قالغانلارنىڭ ئاقىۋتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

يوقۇرىقى خادىملارنىڭ جاۋابلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادىكى ئالتۇن كان گۈمۈرلۈش ۋەقەسىدە كان ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ھېلىھەم نەتجىسىز داۋام قىلىۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ 18 كىشىنىڭ پاجىئەسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەركىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنى جەمئىيەتتىن، ھەتتا يەرلىك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خادىملىرىدىنمۇ يوشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.