كانادانىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، بۇ رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى (Jennifer May) جېنىفېر مېيى 6-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

«كانادا خەلقئارا ئىشلار ھەپتىلىكى» ژۇرنىلى 23-ئىيۇن ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، كانادا باش ئەلچىسى جېنىفېر مېيى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا چەكلىنىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى جېننىفېر مېيى بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە بېرىلگەن ھۆكۈم ۋە باھالارنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر 2021-يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن ھۆكۈم بىلەن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى 2022-يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن باھالىرىنى ئاساس قىلغان.

كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا باش ئەلچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقانىكەن.

كانادا ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى جون پاكېر (John Packer) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا باش ئەلچىسىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپ مەقسەتلىك، نورمال بىر دىپلوماتىك زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىلىرى كانادا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاينى، بولۇپمۇ خىتايدىكى مۇھىم رايونلارنى زىيارەت قىلىشى، تاشقى سودا ھەققىدە سۆھبەتلىشىشى نورمال ئىشتۇر. شۇڭا باش ئەلچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، بەلكى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغان ئىشتۇر. مۇشۇنداق قىلغاندا باش ئەلچى ئوتتۇرىغا ھېچكىمنى قويماي ياكى باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالماي تۇرۇپ، ئۇ جايدىكى ئەھۋالنى بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدۇ، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشالايدۇ، پاراڭلىشالايدۇ، ئۆز ھۆكۈمىنى بېرەلەيدۇ» .

جون پاكېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كانادا باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، تاشقى سودا ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھازىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قانداق دۆلەت خىتايغا بۇ تەلەپنى قويالايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ مال مەنبەسى، مال ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار، بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلدى. مەنچە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى كانادا بەش ئەلچىسى بۇ ھەقتە كۆرگەنلىرىنى ئاشكارىلىدى. مەنچە ئۇ مۇشۇنداق قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغان. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئاشكارىلىشىغا يول قويغىنىغا قاراپ، مەن ئۇنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى دەپ پەرەز قىلىمەن. بۇ پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك، يەنى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان خەلققە قىلىنغان ھېسداشلىق يۈزىسىدىن كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق خەلقئارا مەسىلىدۇر. چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئادىل بولمىغان سودىسىنىڭ ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بار. خىتاي ئۇنىڭدىن ھېچ بەدەلسىزلا پۇل تاپىدۇ، ئەگەر ھەر قانداق مال قۇل ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولىدىكەن، سودىدا ئادىللىق بولمايدۇ» .

مەمەت توختى ئەپەندى كانادا باش ئەلچىسىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «باش ئەلچىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كېلىشىنى تەلەپ قىلىشى خىتاينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلىپ كەلگەن يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ كارغا يارىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

پىروفېسسور جون پاكېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە كانادا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قارىشىدا بىرلىككە كېلەلمىسىمۇ، خىتاي چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىلىرى ئاساسىدا ئۇنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كانادا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى پات-پات ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش ئاللىقاچان كانادا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى خىتاي بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدۇ، شۇڭا كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتايغا توغرا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت «ب د ت ئاساسىي قانۇنى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق كېلىشىملىرىگە قول قويغان. بۇ ئۆلچەملەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەمەس، كۆپ دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىملەردۇر. شۇڭا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش قانۇنلۇق بولىدۇ».

ئۆتكەن ھەپتە 20-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە خادىمى ۋولكەر تۈركنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېقىنقى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، ب د ت نىڭ بۇ ھەقتە تۈزۈكرەك دوكلات ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىشتا ھېچقانداق كەسكىن تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى.