«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىككى كانادا شىركىتى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىككى كانادا شىركىتى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگانى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. كانادا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى سودا پائالىيەتلىرىدە كانادا قانۇنى، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ئورگانى بولغان «كانادا كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى » 11-ئىيۇل كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، نايكې شىركىتىنىڭ كانادا تارمىقى بىلەن «كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى» ناملىق كانچىلىق شىركىتى ئۈستىدىن رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر ئورگان نايكې شىركىتىنىڭ كانادا تارمىقى بىلەن «كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى» ئۈستىدىن بۇ شىركەتلەرنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن پايدا ئالغان» دېگەن شىكايەتكە ئاساسەن بۇ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ باش نازارەتچىسى شېرى مېيېرخوففېر (Sheri Meyerhoffer) خانىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شىركەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 11-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتى تاماملانغاندىن كېيىن، رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

شېرى مېيېرخوفېر خانىم 12-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان ھەر ئىككى شىركەتنىڭ بۇ ئەرز-شىكايەتتىكى ھەمكارلىقىنى يېتەرلىك كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شېرى مېيېرخوفېر مۇنداق دېدى: «بىز سەيشەنبە كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى پارچە دەسلەپكى باھالاش دوكلاتىمىزنى ئېلان قىلدۇق. بۇلارنىڭ بىرى، نايكې، يەنە بىرى، خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى كىيىم-كېچەك، يەنە بىرى كانچىلىققا مۇناسىۋەتلىكتۇر. بىز نايكې بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۇلار بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى. ئۇلار ‹بىزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىمىز يوق› دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەرز-شىكايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونكرېت دېتاللارغا، يەنى ئەرز-شىكايەتتىكى شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا دائىر كونكرېت شىكايەتلەرگە جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا بىز نايكېدىن يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق.»

لېكىن مېيېرخوفېر خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت ئۇلارغا ئانچە جاۋاب بەرمىگەن. شېرى مېيېرخوفېر خانىم، 12-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «خان جەمەت ئالتۇنچىلىق شىركىتىگە كەلسەك، ئۇلار بىزگە ئانچە جاۋاب بەرمىدى. بولمىسا بىز ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى بىزنىڭ دەسلەپكى باھالاش دوكلاتىمىزغا كىرگۈزۈشكە قاتتىق كۈچىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا بىز قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز. بۇ شىركەتنىڭ كانچىلىق مەشغۇلاتى بار. بىز ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى شېرىكلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئالغان-ئالمىغانلىقىغا قارايمىز» دېدى.

خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتىنىڭ 2004-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتاللورگىيە گۇرۇھى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، قۇمۇل-تۇرپان-گۇچۇڭ 2-نومۇرلۇق ئالتۇن كانى (Hatu Qi-2) نى ئېچىش-قېزىشقا مەبلەغ سالغانلىقى، نۆۋەتتە بۇ شىركەت مەزكۇر كاننىڭ 70 پىرسەنت پاي چېكىنى كونترول قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

«دەسلەپكى كان تورى» ناملىق تور بېتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرلەشمە ئالتۇن كانىنىڭ 100 پىرسەنت مەبلىغىنى خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى سالغان بولۇپ، بۇ كاندىن زور مىقداردا ئالتۇن زاپىسى بايقالغان ئىكەن. خەۋەردە، بۇ بىرلەشمە مەبلەغ تۈرىنىڭ تەڭرىتاغ ئالتۇن بەلبېغىنىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىرلىق قىسمىنى كونترول قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىروگراممىسىغا ئاكتىپ قاتناشقان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ قېتىمقى ئەرز-شىكايەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، كانادا مىكدونالد لاۋرېر ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات ساراھ تېيچنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار ئەسلى 14 شىركەت ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن 13 ئەرز قوبۇل قىلىنغان. ساراھ تېيچ 12-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ كانادا نازارەت ئورگانىغا بۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «بولۇپمۇ بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەرز قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭغا ئائىت دەلىللەرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ دەلىللەر ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتى، لاۋرا مۇرفېينىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكشۈرۈشلىرىمىز، بۇ شىركەتلەرنىڭ بىز ئېرىشكەن بۇنىڭغا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئۇچۇرلار. ئەلۋەتتە، مەجبۇرىي ئەمگەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىدىكى مەسىلە بولۇش سۈپىتىدە بۇ ئەرز مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»

«كانادا كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى» يۇقىرىقى ئىككى شىركەت ئۈستىدىن باشلىغان تەكشۈرۈشى «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن قارار قىلغان. بۇ تەشكىلاتلار كانادانىڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئورگانىغا جەمئىي 13 شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نازارەت ئورگانى قالغان 11 شىركەت ئۈستىدىن داۋاملىق باھالاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ساراھ تېئىيچ، بۇ 11 شىركەت توغرىسىدىكى قارارنىڭ كېلەر ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم تەكشۈرۈش قارار قىلىنغان نايكې بىلەن خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ قاچان ئاياقلىشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ساراھ تېئىيچ مۇنداق دېدى: «بىز قېلىپ قالغان 11 شىركەت ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈش قارارىنىڭ كېلەر ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىشىنى كۈتىمىز. لېكىن نايكې بىلەن خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە كەلسەك، بىز تەكشۈرۈشنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ئورگاننىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت تەرتىپى بار. بىز ئۆتكەن يىلى 14 شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندىمۇ ئەرزىمىزنى كۆرۈپ چىقىش كېچىككەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت تەرىپى بويىچە ئىش ئېلىپ بارسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئۆتكەن ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قاراپ، ئۇنىڭ بىز كۈتكەندىن بىر ئاز ئۇزۇنراق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. شۇڭا، بىز تەكشۈرۈشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.»

كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، 13 كانادا شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قارار كانادادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى 12-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قارارنىڭ باشقا شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش رولى بارلىقىنى بىلدۈردى. مەمەت توختىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنسا، بۇ شىركەتلەرنىڭ كانادا بازىرىدىكى پۈتۈن سودىسىغا تەسىر قىلىدىكەن.

بۇ ئورگان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ شىركەتلەر بىلەن ھۆكۈمەت ۋە پۇقرالار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان بىتەرەپ ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئورگانى بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئورگاننىڭ 2021-يىلى ئەرز-شىكايەت مېخانىزمى تەسىس قىلىنغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قارارى تەۋسىيە خاراكتېرلىك بولۇپ، قانۇنىي مەجبۇرلاش كۈچى يوق.

شېرى مېيېرخوفېر خانىم 13-ئىيۇل مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر بۇ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىسا، ھۆكۈمەتكە بۇ شىركەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. شېرى مېيېرخوفېر مۇنداق دېدى: «شۇڭا بۇ شىركەتلەر مەن بىلەن ماسلاشمىسا ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزغا ھەمكارلاشمىسا، بۇ مېنىڭ ئىشخانامغا ئېتىبار بەرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەن خەلقئارا سودا مىنىستىرلىقىغا ئۇلارنىڭ بۇ شىركەتلەرگە بېرىۋاتقان مۇلازىمەتنى توختىتىشى، كەلگۈسىدە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى، كەلگۈسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق فوندى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سودا فوندلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى رەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىم مۇمكىن.»

ۋاھالەنكى، نايكې ئۆزىنىڭ 13-ئىيۇل رادىيومىزغا ئەۋەتكەن قىسقا يازما باياناتىدا، «كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى» يېتەرلىك ماسلاشمىغانلىقىنى رەت قىلغان. نايكېنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، «نايكې كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى (CORE) نىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. باياناتتا <ئۇلارنىڭ ئاخىرقى دوكلاتىدا پاكىت توغرا بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلار كۆپ تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار مۇھىم مۇھاكىمە بولغاچقا، بىز ئۇنىڭغا داۋاملىق قاتنىشىمىز» دېيىلگەن.

كانادا خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان ئىككىنچى دۆلەتتۇر. بۇ يىل 6-ئايدا ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» گېرمانىيە مەمۇرىي دائىرىلىرىگە ئەرز سۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن، بېنز-مېرسىدىس ۋە BMW قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى ئالمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.