10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەردىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بىخەتەر، دېموكراتىك دۆلەت بولغان كاناداغا كېلىپ ياشاشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۆتمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن «قويمىچىلىق» قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرۇلۇق سۆز-چۆچەكلەر يېيىلماقتا. بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا بىلىشكە تېگىشلىك ۋە كېلىشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىنى قوبۇل قىلغان قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ۋە بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى كونكرېت خىزمەتلەردە كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەمەت توختى ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قۇربان قىلىۋەرسىمۇ، بەرىبىر قانۇنى ۋە تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنى كاناداغا چوقۇم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا كېلىشىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن «قويمىچىلىق» قىلىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەردىن ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. ئاخىرىدا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھازىردىن باشلاپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا مۇھىم ئۇچۇر بەردى.
سۆھبىتىمىزنىڭ 2-قىسمىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.