كانادا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قۇچاق ئاچتى
2022.10.27

24-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چەت ئەللەردە سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان ئون مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغان. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى كانادا پارلامېنتىدا ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تولۇق قوللىشى، يەنى نۆلگە قارشى 258 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
پارلامېنتتا مەزكۇر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان سامىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى، خىتايدا «داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان» ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا كانادانىڭ پاناھلىق بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىگەن. مۇنازىرە جەريانىدا سامىر زۇبەرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىقىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان بىخەتەر بىر يېرىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ كىشىلەرنى بىخەتەر بىر ماكانغا ئورۇنلاشتۇرۇش كانادا ھازىر قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ تۈركىيە ھەم ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دېگەن 10 مىڭ كىشىنى كاناداغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ قارار لايىھەسى، پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن بۇ يىل 6-ئايدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىكەن.
كانادادىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۇكرائىنالىقلارغا قانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن كاناداغا كېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغان بولسا، ئۇيغۇرلارغىمۇ شۇنداق ئىمتىيازنىڭ بېرىلىشى ھەققىدە ئېلىنغان بىر قارار». ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا بۇ قارار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
گەرچە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قارار ئالغىلى ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ تەكلىپ لايىھەسى پارلامېنتقا سۇنۇلغاندىن كېيىن كۆرىنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىگەن ئىدى. شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش جەھەتتىمۇ بىرەر كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان.
مەكدونالد لاۋريېر ئىنىستىتۇتنىڭ (Macdonald-Laurier Institute) بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-ئۆكتەبىر كۈنى كۈنى كانادا پارلامېنتى M-62 نومۇرلۇق مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ ئەمەلىي ماددىلىرى توغرىسىدا رەسمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، 24-ئۆكتەبىر كۈنى ئون مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئەكىلىش توغرىسىدا قارار ئېلىنغان بولسا، بۈگۈن، يەنى 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئاشۇ مۇساپىرلارنى ئەكېلىشتىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەمەت توختى ئەپەندى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى رەسمىي قوبۇل قىلىشنى قاچاندىن باشلاش، كىملەرنى قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنى قانداق بېجىرىش، بىخەتەرلىك ۋە مۇساپىرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك كونكىرېت مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ياشاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئاخىرىدا كانادا پارلامېنتىدا ئېلىنغان بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى: «بۇ ئون مىڭ ئۇيغۇر كەلگۈسىدە 20 مىڭ، 30 مىڭ بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئىنگلىز تىلى ۋە فىرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەلقئارالىق تىللىق زىيالىيلىرى مۇشۇ يەردە يېتىشىپ چىقىدۇ.»