كانادا ئومۇمىي سايلىمىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتاي مەسىلىسى» مۇھىم تېمىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-24
Share
كانادا ئومۇمىي سايلىمىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتاي مەسىلىسى» مۇھىم تېمىغا ئايلانغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېرىن ‍ئۆتۈل(Erin O’Toole) ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 20-ئاۋغۇست، كانادا.
REUTERS

كانادا 9-ئاينىڭ 20-كۈنى فېدېراتسىيە ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك سايلام كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ناچارلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ بىر قانچە كانادالىقنى «زەھەرلىك چېكىملىك» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشى، خۇاۋېينىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋەنجوۋنى ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى، كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سايلام كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز ‍ئىچىگە ئالغان كانادانىڭ خىتاي سىياسىتىمۇ سايلام كۈنتەرتىپىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلىنىدىغانلىقى مەلۇم. تېرۇدونىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسى ئۆزىنىڭ سايلام پروگراممىسىنى تېخى ئېلان قىلمىغان، خىتاي مەسىلىسى ئۇنىڭ سايلام پروگراممىسىدا قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى خىتاي سىياسىتىنى سايلام پروگراممىسىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىش، «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ماقۇللاش، «چەت ئەل ئاگېنتلىرىنى تىزىملاش قانۇنى» چىقىرىپ، خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ‍ئۆ ‍ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېرىن ‍ئوتۇل ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كانادانىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشى ھەققىدە توختالغان. ئۇ دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئېرىن ئوتۇل مۇنداق دېگەن: «شۇنداق، كانادا بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك. مەن ئېيتقاندەك، بىز بۇ جەھەتتىكى قارارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بېيجىڭ شۇنى بىلىشى كېرەك، دۇنيا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆرۈۋاتىدۇ. كانادا خوككوڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى، شولىنبېرگ، سپاروۋ ۋە كوۋرىگلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆردى.»

ئۇ يەنە كانادا تەنتەربىيەچىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇسابىقىگە ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان بىر دۆلەتنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكى، ئۇنىڭدەك بىر دۆلەتنى مۇسابىقە بىلەن مۇكاپاتلاش كېرەكمۇ، دېگەننى قاتتىق ئويلىشىش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

بۇ نۆۋەتلىك سايلام كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي جەمئىيەتلەر تېرۇدو ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كونكرېت جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ‍ئۆتكۈزۈلىدۇ. كانادالىق پوپ، تورونتو بىرلەشمە چېركاۋىنىڭ راھىبى، «برودۋىيۇ ژۇرنىلى» نىڭ ئوبزورچىسى كرىستوفېر ۋايت، كانادادىكى خرىستىيان دىنىي جەمئىيەتلىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنى بۇنىڭغا چاقىرىپ كېلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ بىرى.

كرىستوفېر ۋايت مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەندىشەم خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىدۇر. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۇنيا ھازىر سادىر بولۇۋاتقان بۇ قورقۇنچلۇق قىلمىشقا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، كاناداغا ‍ئوخشاش ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقان بىزدەك كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز بەك مۇھىم.»

كرىستوفېر ۋايت ئىلگىرى «يەر شارى پوچتىسى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يېقىندا «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، كانادادىكى خرىستىيان جەمئىيەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق باستۇرۇشىغا، جۈملىدىن «مېڭە يۇيۇش، باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ھەتتا قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىكى ‍ئۆلۈملەرگە سۈكۈت قىلماسلىق» قا چاقىرغان ئىدى. كرىستوفېر ۋايتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى مۇھىم بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشىنى توختىتىشمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا مۇۋاپىق ‍ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ‍ئۆلچەملىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قوغدىشى مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھبۇسلار ئەمگىكىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ زۆرۈر.»

كرىستوفېر ۋايتنىڭ قارىشىچە، كانادانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خىتاينىڭ ھازىرقى قىلمىشىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كارخانىلىرىغا يۆتكەشنى توختىتىشقىمۇ كاپاتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە سايلام دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، ھازىر مۇنازىرە كۆپرەك ئىچكى سىياسەتكە مەركەزلەشكەن. بىراق سايلام رىقابىتى ئەۋجىگە چىققاندا خىتاي مەسىلىسى تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ ھالقىلىق مۇنازىرىگە ئايلىنىدىكەن. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى 24-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ‍ئۆزىنىڭ سايلام پروگراممىسىغا كىرگۈزگەن.

پوپ كرىستوفېر ۋايتنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە كانادادىكى خىرىستىيان ئاھالىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىلىرىدە بەلگىلىك رول ئوينىيالايدىكەن. كرىستوفېر ۋايت مۇنداق دېدى: «بىز قىلالايدىغان بىرىنچى ئىش كانادا خرىستيانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش. بىز قىلالايدىغان ئىككىنچى ئىش، بىز سۈرىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە قىلغاندەك بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىمىزنى بىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا يەتكۈزۈش. بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچىنچى ئىش، پارچە سېتىش شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىققا كاپاتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشتۇر.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت