كانادا ھۆكۈمىتى: «خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇرلار كانادانىڭ يېڭى مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا چۈشىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.29
كانادا ھۆكۈمىتى: «خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇرلار كانادانىڭ يېڭى مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا چۈشىشى مۇمكىن» كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو كېڭەش پالاتاسىدا سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 26-ئىيۇل، ئوتتاۋا، كانادا.
REUTERS

كانادانىڭ جاستىن ترۇدېئو رەھبەرلىكىدىكى لىبېرال ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كانادانىڭ مەۋجۇت يېڭى مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا چۈشۈشى مۇمكىنلىكى، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشتە كانادانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان ھەر جەھەتلەردىكى سىياسىتىنى تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەتراپلىق شەرھىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ترۇدېئو ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسىنى كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار-خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 15 تۈرلۈك تەۋسىيەسىگە بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما تېخنىكا ئېكسپورتى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، مۇساپىرلارنى ئ‍ۆرۇنلاشتۇرۇش، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق كونكرېت ئ‍ىجرائاتلاردا ئ‍ۆز پىكىرىدە قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ھۆكۈمەت ئالاھىدە سىياسەت چىقىرىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەۋسىيەگە ئومۇمەن قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ب د ت ياكى ۋاكالەتچى ئورۇنلار مۇساپىر، دەپ بېكىتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت كانادا مۇساپىرلار پروگراممىلىرىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ قارىشىچە، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە پاناھلىق بېرىشكە ئائىت «مۇساپىرلار ئېقىمى» پروگراممىسىمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا چۈشىدىكەن.

بىراق كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قايىل قىلمىغان. «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئايرىم سىياسەت چىرىشى توغرىسىدىكى تەۋسىيەگە جاۋاب بەرمىگەن. مەمەت توختى 28-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. مەمەت توختى: «ھۆكۈمەت مەيلى ئۇلارنى ب د ت قوبۇل قىلغان بولسۇن-بولمىسۇن بۇلارنىڭ كاناداغا كىرىشىگە مەخسۇس يول ئېچىش تەلىپىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغان» دېدى.

لېكىن ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس سىياسەت چىقارمىسا، ئۇيغۇرلارنى كانادانىڭ ھازىرقى مەۋجۇت مۇساپىرلار پروگراممىسى بىلەن كاناداغا ئېلىپ كېلىش قىيىن ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى سالاھىيەت مەسىلىسى بۇنىڭغا يار بەرمەيدىغانلىقى، مەسىلەن تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ب د ت تەرىپىدىن بېرىلگەن گۇۋاھنامە ياكى تۈركىيە تەرىپىدىن بېرىلگەن قوغدالغۇچى، دېگەن گۇۋاھنامىسى يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.

لېكىن كانادادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابىنى ئومۇمەن ئېيتقاندا «ئىجابىي» دېيىشكە بولىدىكەن. ھۆكۈمەت 15 تۈرلۈك تەلەپ ۋە تەۋسىيەنىڭ كۆپ قىسمىغا قوشۇلىدىغانلىقى، بىر قىسمىنى خاتىرىلەپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. كانادادىكى «رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات يۇناھ دىئامۇند 28-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئ‍ئىنكاسىنى ئومۇمەن «ئ‍ئىجابىي» دەپ باھالىدى.

يۇناھ دىئامۇند مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمى قەھەتتىن ئالغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى ئىجابىي بولغان. ھۆكۈمەت تەۋسىيەدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تەلەپلەرگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغانلىرىغا ھۆكۈمەت خاتىرىلەپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار بىز ئالاھىدە ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن ئوخشاش. شۇڭا مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسىنى ئومۇمەن ئىجابىي، دەپ باھا بېرىمەن».

ترۇدېئو ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ھەققىدىكى تەلەپ ۋە تەۋسىيەگە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن. بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بېكىتىشتە داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئادۋوكات، يۇناھ دىئامۇند كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت مەزكۇر رايوندا ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك ۋە مەۋجۇت دەلىللەر بارلىقىنى ئېيتقان. ھۆكۈمەت شۇنداق، دەپلا قالماي يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى تەشكىللىك ۋە سىستېمىلىق جازالاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان. ھۆكۈمەت يەنە شەرقىي تۈركىستان ياكى ش ئۇ ئا ر دا يۈز بەرگەن ئىشلارغا جاۋابەن 4 خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى جازالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەت يەنە رايوندا تولۇق ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان».

لېكىن كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توخىتىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقتىن ھالقىغان مەسىىلە ئىكەن. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كانادا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار-خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 15 تۈرلۈك تەلەپ ۋە تەۋسىيەسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تېخنىكا ئېكسپورتى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىش، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىش، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش، ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆ ئىچىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.