كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن 18 كىشى 2008-يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بىر ئىبادەت مەركىزى قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى. ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە 18 كىشى بىلەن باشلانغان بۇ ھەرىكەت تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. كانادادىكى ئۇيغۇرلار تورونتو شەھەر ئەتراپىدىكى 148 يىللىق بىر كاتولىك چېركاۋىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.
مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 25-سېنتەبىر كۈنى «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلگەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ تەڭكەشلىكىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقىرىش، مەسچىت ئىمامى ئىبراھىم دامۇللامنىڭ خەتمە قۇرئان قىلىشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمغا كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى، كانادانىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى، شۇ جايدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس قاتارلىق مېھمانلاردىن سىرت، بۇرۇنقى چېركاۋنىڭ سابىق خرىستىئان جامائەت ئەھلىمۇ قاتناشقان.
«كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئېچىلىشى كانادا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ مەھكەم ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇيغۇن ئابدۇۋەلى: «كانادالىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېمە قىلىپ، نېمە قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كانادادىكى بىرلىك ئاخىرى مۇشۇنداق چوڭ، بىر چېركاۋنى سېتىپ ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ، دىن ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان بىر چېركاۋنى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇشى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنى بەك ھاياجانلاندۇردى.»
تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن كانادادىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى چوڭ كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئۇ كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن «ئىپتىخارلىنىدىكەن ۋە غۇرۇر ھېس قىلىدىكەن».
ئۇيغۇر مەسچىتىگە ئۆزگەرتىلگەن مونت كارمېل بىرلەشمە چېركاۋى 1873-يىلى بىلەن 1874-يىلى ئارىسىدا ۋىللىيام مەللىش ئىسىملىك بىر ئارخىتېكتور تەرىپىدىن سېلىنغان ئىتالىيە-رومانىستىك پاسونىدىكى قۇرۇلۇشتۇر. مەزكۇر چېركاۋنىڭ پوپى روبىن ۋىلكېي ئەپەندى ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ شەنبە كۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مېھمانلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇراسىمدا تاراتقۇلارغا سۆز قىلىپ، چېركاۋ پەرقلىق بىر ئېتىقاد گۇرۇپپىىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا بىر ئىبادەت ئورنى بولۇپ ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
پوپ روبىن ۋىلكېي 27-سېنتەبىر رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇراسىمدا ئىجابىي تەسىراتقا ئەگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئېيتقاندا مەن ناھايىتى ئۈمىدۋار ۋە ئىنتايىن ئىجابىي تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بەزى سۆزگە چىققۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆزى تەربىيە خاراكتېرلىك بولدى. مېنىڭ چۈشەنچەم، بۇنىڭ ناھايىتى ئىجابىي تەجرىبە بولغانلىقىدا».
روبىن ۋىلكېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چېركاۋ كونىراپ قالغاچقا ئۇنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشقا چىقىنالمىغان. كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئۇلار چېركاۋنى سېتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى، دېگەن نۇقتىغا كەلگەن. روبىن ۋىلكېي، چېركاۋنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سېتىۋالغانلىقى، بىنانى ئاسراشنىڭ ئەمدى ئۇلارغا قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىختىكى خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
روبىن ۋىلكېي مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇن ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان دۆلەتلەردىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەسىلەن، ئۇلار كانادانىڭ تارىختىكى ياتاقلىق مەكتەپلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىنى، شۇنداقلا يەنە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، پەرقلىق كىشىلەرنى جازالىغانلىق كەچمىشلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
مونت كارمېل بىرلەشمە چېركاۋى غەرب ئەللىرى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئسلامى فوبىيەچىلىك يەنى «ئىسلام دۈشمەنلىكى» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەسچىتكە ئۆزگەرتىلگەن. «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئېتىبار ئارتىش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ چېركاۋنىڭ بۇرۇنقى خرىستىئان جامائىتىنى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىپ، بۇ ئورۇننىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.
ئېتىبار ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ چېركاۋنىڭ خرىستىئان جامائىتى ئۇلارغا قايىل بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقى، ھېچبولمىسا بۇ ئورۇننىڭ بىر ئىبادەتخانا بولۇپ ساقلىنىپ قالغانلىقىغا خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.
تورونتودىكى «ئۇيغۇر ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كانادا ھۆكۈمىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى مىڭ ۋەنجونى قويۇپ بەرگەن، خىتايمۇ گۆرۈگە تۈتىۋالغان ئىككى كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا يول قويغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. مىڭ ۋەنجو 24-سېنتەبىر كۈنى شېنجېنغا يېتىپ بارغان. خىتايدا گۆرۈگە تۈتىۋېلىنغان كانادا پۇقراسى مايكېل كوۋرىگ بىلەن مايكېل سپاۋور 25-سېنتەبىر كانادانىڭ كالگارى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى.
بۇ ۋەقە كانادادىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باش مىنىستىر ترۇدونىڭ 15 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۈر كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ دېلوسىغىمۇ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنىمۇ كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ قايتا قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان.