كانادا پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.28
كانادا پارلامېنت ئەزاسى پارلامېنتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىردى كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-سېنتەبىر.
cpac

كانادا پارلامېنتىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇپ، باشقا دۆلەتلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دېگەندە 10 مىڭ كىشىنى كاناداغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى كانادا پارلامېنتىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇنىڭ سۇنغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرغان.

كانادادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان سەمىر زۇبەرى، 26-سېنتەبىر كانادا مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ستېفېن بروۋېن ۋە كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، كانادانىڭ ئىلگىرى ئالاھىدە كۆچمەنلەر پروگراممىسى ئارقىلىق يەزىدىلەر، سۈرىيەلىكلەر، ئافغانلار، ئۇكرائىن ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئەمدى ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

زۇبەرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قايسى پارتىيەدىن بولسا بولسۇن كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ يىل 12-ئايدا ياكى كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان بۇ قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىدىكەن.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا كانادا مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ستېفېن بروۋېن(Stephen Brown) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-سېنتەبىر.
كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا كانادا مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ستېفېن بروۋېن(Stephen Brown) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-سېنتەبىر.
cpac

سەمىر زۇبەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى بۇ قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىمەن. مەيلى بىزنىڭ پارتىيەدىن بولسۇن ياكى قارشى پارتىيەدىن بولسۇن قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە ئۈندەيمەن. مەن بۇنىڭ ماقۇللىنىشى ۋە بىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىمىزغا ئىشىنىمەن».

سامىر زۇبەرى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ تۈركىيە قاتارلىق ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بولغان ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئاز دېگەن 10مىڭ كىشىنى كاناداغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ قارار لايىھەسىنى بۇ يىل 6-ئايدا پارلامېنتقا سۇنغان.

كانادا كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالىق ئىدارىسىنىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇرنى 2024-يىلدىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە كاناداغا ئەكېلىپ بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارىتا قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشى ترېدو ھۆكۈمىتىگە سىياسىي بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئاخبارات يىغىنىدا سەمىر زۇبەرى ئۆزىنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال لاگېر شاھىتلىرىنىڭ، ئادۋوكاتلارنىڭ ۋە سابىق كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ دەھشەتلىك ۋە كىشىنى تولىمۇ پاراكەندە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەزىيەت ئۆزىنىڭ بۇ قارار لايىھىسىنى سۇنۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-سېنتەبىر.
كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 26-سېنتەبىر.
cpac

سەمىر زۇبەرى: «مانا بۇ مېنىڭ شەخسەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە ھەرقانداق بىر قارار لايىھەسى ياكى قانۇن لايىھەسى سۇنۇش ئىمكەنىيىتىمنى بۇ ئىشقا سەرپ قىلدىم. مەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىش لايىھەسى سۇنۇشنى تاللىۋالدىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار قېچىپ يۈرگەنلىكى ۋە مۇساپىرلىقنى قوغلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا، بىر ئىش قىلىش بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشمەكتە» دېگەن.

باش مىنىستىر جاستىن ترېدونىڭ كانادا لىبېرال ھۆكۈمىتى ب د ت دا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش، ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش جەھەتلەردە ئاكتىپ بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش جەھەتلەردە ھېچقانداق كونكرېت تەدبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى.

26-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەرەپلەر ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشتىمۇ كونكرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاخبارات يىغىنىدا كانادادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان «كانادا مەملىكەتلىك مۇسۇلمانلار كېڭىشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ستېفېن بروۋېن، كانادانىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش كۈچلۈك قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ستېفېن بروۋېن مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن پۈتۈن كانادادىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان رەھبەرلىرى ئوتتاۋادا جەم بولۇپ، بارلىق چوڭ پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمەتنى پارلامېنت ماقۇللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ئاساسىدا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى. بىز ھۆكۈمەتنى S-204 نومۇرلۇق ۋە S-211 نومۇرلۇق قانۇن لايىھەلىرىنىڭ كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى دوكلات قىلىش ۋە چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنلارنى ماقۇللاشتا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز».

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادامۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش شىركەتلەردىن كاناداغا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. ستېفېن بروۋېن: «بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىز، بۇ قانۇنغا ئامېرىكادا بولغاندەك مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە شىركەتلەردىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتە بۇلغانمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىش تەرىقىسىدى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى كېرەك» دېگەن.

ئاخبارات يىغىنىدا خىتاينىڭ كانادانى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان بازارغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، 28-سېنتەبىر ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا پارلامېنتتىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر ۋە ھۆكۈمەت ئارىسىدا چوڭ ئىختىلاپ يوقلۇقى، تەرەپلەرنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن مەمەت توختىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەت مۇساپىرلارنى رەسمىى قوبۇل قىلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن قاچاندىن باشلاش، كىملەرنى قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنى قانداق بېجىرىش، بىخەتەرلىك ۋە بىئومېتىرىك تەكشۈرۈشلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، مۇساپىرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كونكرېت تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ يەنە كانادا ھۆكۈمىتىدە بەزى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىغا كۆنۈپ كېتەلمەسلىك ئەندىشىسىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كانادا پارلامېنتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك 4 قانۇن لايىھەسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھالبۇكى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى سەمىر زۇبەرىنىڭ سۇنغان T-62 نومۇرلۇق ئۇيغۇر مۇساپىلىرىغا دائىر قارار لايىھەسى كېلەر ئاينىڭ 26-كۈنى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىنىدىكەن.

سەمىر زۇبەرى پارلامېنت بىناسىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن شۇ ۋاقىتتا يەنە بىرەر يۈزدەك ئۇيغۇر پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قارا لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇ پائالىيەتكە پارلامېنتتىكى 4 چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن 8 دەك كىشى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.