ئىگىلىشىمىزچە، كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن بۇ يىل 1-فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرىنى باشلىغان. مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەردىكى ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە ئەمىنسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ بىخەتەر، تىنچ، ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەت بولغان كاناداغا كېلىپ ياشاشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۆتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ چوڭ ۋە مۇھىم كۆچكە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن سوئاللار پەيدا بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن «قويمىچىلىق» قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرۇلۇق سۆز-چۆچەكلەر يېيىلماقتا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرماقتا. بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلىشكە تېگىشلىك توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، كانادادىكى بۇ قانۇننىڭ قوبۇل قىلىشىغا كۆپ ھەسسە قوشقان، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ۋە كونكرېت خىزمەتلەردە كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەمەت توختى ئەپەندى، مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر كانادا دۆلەت خادىملىرنىڭ بېرىشغا رۇخسەت قىلمىسا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى بىر شىركەتنىڭ ياردىمى بىلەن بىخەتەر يۇمشاق دېتال لايىھەلەۋاتقانلىقىنى دېدى. بۇ يۇمشاق دېتال كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، 2-3 ھەپتە ئىچىدە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماس ۋە جەدۋەللىرى توردىن تولدۇرۇلۇشقا باشلىنىدىكەن.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر