كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى: «10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

0:00 / 0:00

10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن قوبۇل قىلىنىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى قىيىنچىلىق ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇپ، بىخەتەر، تىنچ، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەت كاناداغا كېلىپ يېڭى ھايات قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. كانادادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن ۋە كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى (Sameer Zuberi) ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كېلىشى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سەمىر زۇبەرى ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك سەمىر زۇبەرى ئەپەندى، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىنى قوبۇل قىلغان قانۇن ھەققىدە بىزگە قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

سەمىر زۇبەرى: ئەلۋەتتە، بۇ، ئاۋام پالاتاسىدىكىلەر، باش مىنىستىر ۋە كابىنېتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك بېلەت تاشلىغان قانۇن. 2024-يىلدىن باشلاپ 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كاناداغا كۆچۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بۇ پروگرامما ئاۋازغا قويۇلۇپ، قوبۇل قىلىنغان. 10 مىڭ ئادەم خىتايدا ياشاۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقانلار. زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە خەتەر ئىچىدە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر. ھۆكۈمەتنىڭ 120 كۈن ئىچىدە بۇ قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە پارلامېنتقا جاۋاب قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاۋابنى پارلامېنتقا بۇ يىل كۈزدە بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇڭا بۇ، قانۇن ئۆتكەندىن كېيىنكى چوڭ قەدەم.

مۇخبىر: بۇ زور پىلانغا مۇناسىۋەتلىك قەدەم-باسقۇچلار قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي ئۆچۈر بەرسىڭىز؟

سەمىر زۇبەرى: بۇ پروگرامما 2024-يىلى رەسمىي باشلىنىدۇ. 2024-يىلدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە 10000 كىشى كاناداغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) مىنىستىر ئەخمەد ھۇسسەن(سولدا) ۋە مىللەت ۋەكىلى سامىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) بىلەن 10،000 ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش پىلانى ئۇچراۋاتقان توسالغۇلارنى مۇزاكىرە قىلدى. 2023-يىلى 2-ئىيۇن.
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا) مىنىستىر ئەخمەد ھۇسسەن(سولدا) ۋە مىللەت ۋەكىلى سامىر زۇبەرى(Sameer Zuberi) بىلەن 10،000 ئۇيغۇرنى كاناداغا يۆتكەش پىلانى ئۇچراۋاتقان توسالغۇلارنى مۇزاكىرە قىلدى. 2023-يىلى 2-ئىيۇن. (FB/Memet Tohti)

مۇخبىر: بۇ قارار قوبۇل بولغاندىن كېيىن بىر ئۆزگىرىش ۋە بىر ئىلگىرىلەش بولدىمۇ؟

سەمىر زۇبەرى: ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل كۈزدە بېرىدىغان ئىنكاسى بەك مۇھىم. بىز بۇنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ قانۇن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ قەدەم. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەر بار. مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 2023-يىللىق خامچوتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ھۆكۈمەت ئىرقى قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەردى.

مۇخبىر: بۇ زور پىلاننىڭ باشلىنىش ۋە تۈگەش تارىخى بارمۇ؟

سەمىر زۇبەرى: مەن بېرەلەيدىغان بىردىنبىر ۋاقىت شۇكى، بۇ قانۇن ھۆكۈمەتنىڭ 2024-يىلىدىن باشلاپ قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇخبىر: سىزچە، بۇ زور پىلان بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا رېئاللىققا ئايلىنامدۇ؟

سەمىر زۇبەرى: ھەئە، مەن بۇ زور پىلاننىڭ رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مۇخبىر: بۇ زور پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىق نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

سەمىر زۇبەرى: مېنىڭچە ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى، دۇنيادا ھەمىشە نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم.

مۇخبىر: 10مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كانادا ھۆكۈمىتى ئۆزى قىلامدۇ؟ ياكى كانادا ۋە تۈركىيەدىن «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش قۇرۇلۇش ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشامدۇ؟

سەمىر زۇبەرى: ھەئە، بىز ئادەتتە ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەيمىز. بىز ئادەتتە جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكى گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەيمىز. شۇنداق، ھۆكۈمەت، قەرەللىك ھالدا ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇمەن شۇنداق قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئوخشىمىغان شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بىلەن پىكىرلىشىمىز ۋە مەسلىھەتلىشىمىز. بۇ نورمال ئەھۋال.

كاناداغا كېلىدىغان 10،000 ئۇيغۇر توغرىلىق سۆھبەتتىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئىيۇن، كانادا.
كاناداغا كېلىدىغان 10،000 ئۇيغۇر توغرىلىق سۆھبەتتىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئىيۇن، كانادا. (FB/Memet Tohti)

بۇ يەردە مەن قايسى گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى دېيىشنى خالىمايمەن، ئەمما مەن سىزگە ھۆكۈمەتنىڭ پەرقلىق گۇرۇپپىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتالايمەن. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتلەشكەن پەرقلىق گۇرۇپپىلارنى خاتىرىلەپ، ئاشكارا ئېلان قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، كىشىلەر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆزىتىدۇ، بىز بۇنى خالىمايمىز. مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىسىز.

مۇخبىر: كانادا ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق ئۇ دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئالاقە قىلغان بولسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

سەمىر زۇبەرى: شۇنداق، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر قىسىم ئالاقە بولۇشى كېرەك. ئەمما سىز مىنىستىرلاردىن بۇ توغرىلىق سورىسىڭىز، قىلغان كونكرېت ئالاقىنى بىلەلەيسىز. ئەمما مېنىڭچە ئۇلار بۇ باسقۇچتا قىلىنغان ئالاقىلەر ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا پاراڭلاشمايدۇ. مېنىڭچە، بىز كۈتۈۋاتقان ۋە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار كۈزدىكى دوكلاتتا بولۇپ، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى كۈزدىكى دوكلاتتا ئوچۇق بولىدۇ.

مۇخبىر: كاناداغا مۇساپىر بولۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەكلىپ پىكرىڭىز بار؟ بۇ جەرياندا نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك؟

سەمىر زۇبەرى: مېنىڭچە، ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەك، كاناداغا كۆچمەكچى بولغان ھەر قانداق ئادەم بۇ يەرگە كۆچۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھۆججەتلىرى يېنىدا تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك. بۇ بەك مۇھىم. بۇ قىلىدىغان بىرىنچى ئىش. ئىككىنچى ئىش بولسا، بۇ كۆچۈشكە مۇناسىۋەتلىك چىقىدىغان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. مەن بىر ئاز بورۇن دېگەندەك بۇ قانۇن 2024-يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتىن بورۇن رەسمىي ئۇچۇرلار بولمايدۇ. بۇ كىشىلەر ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىلەشتىمۇ؟ بۇ پروگراممىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھەمىشە ياخشى ئىش. ئۇلار بۇ پروگراممىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەلچىخانىغا بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنداق قىلسا بەك ياخشى ئىش بولىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش بەك مۇھىم. ئۇلار توغرا يەردىن توغرا ئۇچۇرلارنى ئىزدىشى كېرەك. ھۆكۈمەت تورلىرىدا بۇ ئۇچۇرلار بولىدۇ ۋە بۇ توردىن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما بىز تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا ھازىرچە بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ئىشىنىمەنكى، ئۇلار سىزنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىڭىزدىن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇچۇر ئاممىغا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن سىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىڭىز ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز ئۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

مۇخبىر: ۋاقتىڭىز ۋە بەرگەن بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

سەمىر زۇبەرى: ئەلۋەتتە، بۇ مىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش. بۇ توغرىلىق خەۋەر بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت!