كانادا رالف لورېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى

0:00 / 0:00

كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى كانادا كارخانىلىرىنىڭ سودا پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق داڭلىق كىيىم مودا شىركىتى رالف لورېننىڭ (Ralph Lauren) كانادا تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. رالف لورېن بۇ ئورگاننىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان 3-شىركەت ھېسابلىنىدۇ. كانادا كارخانىلارنىڭ پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ باش نازارەتچىسى شېرى مېيېرخوفېر ئۆتكەن ئايدا نايكې شىركىتىنىڭ كانادا تارمىقى بىلەن كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

باش نازارەتچى شېرى مېيېرخوفېرنىڭ رالف لورېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىقى 3 شىركەتنى تەكشۈرۈش قارارى كانادادىكى 28 كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن يىلى 14 شىركەت ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن چىقىرىلغان. «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» ، «ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش فوندى» قاتارلىق 28 ئاممىۋى تەشكىلات، كانادا كارخانىلار باش نازارەتچىسىنى رالف لورېن، گوبى مىن، نايكې، خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە 14 شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىنىش مۇناسىۋىتى بارلىقىغا ئائىت دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەن.

شېرى مېيېرخوفېر 15-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ھەر بىر ئەرزنىڭ ئەتراپلىق ۋە ئۈنۈملۈك رەۋىشتە باھالاپ چىقىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. باياناتتا: «مەن رالف لورېنغا قارىتىلغان شىكايەتنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قارار قىلدىم. گوبى مىڭغا قارىتىلغان شىكايەتنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ سىياسىتىنى قايتا تەرتىپكە سېلىشى، ئۇنىڭ كۈنتەرتىپ بەلگىلەپ، قايتا تەرتىپكە سالغاندىن كېيىنكى سىياسىتىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى تەۋسىيە قىلىشنى قارار قىلدىم» دېيىلگەن. شېرى مېيېرخوفېر (Sherh Meyerhoffer) خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورگان ھەرقانداق بىر ئەرز-شىكايەتنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشتا بەلگىلىك قائىدە-ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتىكى يېقىنقى بىر قېتىملىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «سۇنۇلغان ئەرز-شىكايەتلەر بۇ ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق كەلسە، ئاندىن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىپ، بىز دەسلەپكى باھالاشنى باشلايمىز. لېكىن دەسلەپكى باھالاش پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ پەقەت بىر پارچىسى بولۇپ، ئەرز-شىكايەتكە قارىتا قارار بېرىشنى كۆرسەتمەيدۇ. بىزنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئىشىمىز ئەرز-شىكايەتنى مۇزاكىرە قىلىش، شىركەتلەرنىڭ بۇ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالاش-خالىماسلىقىغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. ئۇلار بۇ ئىشنى بالدۇرراق بىر تەرەپ بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى، بۇ ئىشنى يەڭگىللىتىشنى ياكى تەكشۈرۈشنى بالدۇرراق خۇلاسىلەشنى خالامدۇ، دېگەنلەرنى بىلىشتۇر» .

شېرى مېيېرخوفېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەرز-شىكايەت قىلىنغان شىركەتلەر بىلەن بۇ مەسىلىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىشنىڭ بىر يولىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شېرى مېيېرخوفېر شۇ قېتىملىق زىيارەتتە: «بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوچۇق. بىز ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلغان بارلىق شىركەتلەر بىلەن ئولتۇرۇپ سۆزلىشى پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز. ئۇلار بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ بىر خىل سىستېمىلىق يولىنى تېپىشنى ئويلايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 28 ئاممىۋى تەشكىلات ئەرز-شىكايىتىدە رالف لورېننىڭ «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق شىركىتى» ۋە «ياگېئېر توقۇمىچىلىك گۇرۇھى» بىلەن بولغان تەمىنلەش-تەمىنلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئائىت دەلىللەرنى سۇنغانىكەن. ھالبۇكى، «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» 2020-يىلى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، «سانجى يىدا توقۇمىچىلىق شىركىتى» بىلەن «ياگېئېر توقۇمىچىلىق گۇرۇھى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان. ئەرز شىكايەتتە، لارف لورېننىڭ 2020-يىلى 8-ئايدىن 2021-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا «يىدا گۇرۇھى» نىڭ ۋىيېتنام ۋە خوڭكوڭدىكى تارماق شىركەتلىرىدىن كاناداغا 24 يوللانما ئىمپورت قىلغانلىقىغا دائىر تالون تەمىنلەپ، بۇنىڭ رالف لورېن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدىكى «شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق يىپ، رەخت ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلەتمەيمىز» دېگەن سۆزلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 16-ئاۋغۇست لارف لورېننىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىغا خەت يېزىپ، شۇنداق تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن لارف لورېن خېتىمىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى ئالغان لارف لورېننىڭ باش شتابىدىكى بىر خادىمى، شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ خادىم كانادانىڭ لارف لورېننى تەكشۈرۈش قارارىغا قارىتا ئالاقىدار شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۆزىگە «باھا بەرمەيدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشى» نى ھاۋالە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كانادا «مىكدونالد-لاۋرېر ئىنىستىتۇتې» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، يۇقىرىقى ئەرز-شىكايەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات ساراھ تېيچنىڭ ئېيتىشىچە، باش نازارەتچىنىڭ رالف لورېننى تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشى، ئەرز-شىكايەتنىڭ تەلەپكە لايىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ساراھ تېيچ 16-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەشغۇلات تەرتىپىگە قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئەرز-شىكايەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىقىنى قارار قىلىشىدا بەش ئامىل بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ قارىشىمىز شۇكى، كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى بىزنىڭ ئەرزىمىزنى بۇ بەش خىل ئامىلغا چۈشىدۇ، دەپ قاراپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن» .

ساراھ تېيچنىڭ قەيت قىلىشىچە، كانادا كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى (CORE) نىڭ بۇ شىركەتنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلىشىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار» ئىكەن.

ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. ئۇنىڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى، نازارەت ئورگىنى بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە نايكې، خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتىگە ئوخشاش بىر ياكى ئىككى شىركەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. بۇ ناھايىتى كەڭ تارقالغان بىر مەسىلە. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت بۇ ئەرز ئون نەچچە شىركەتكە چېتىلىدۇ. بىر ئىتتىپاق بولۇشىمىز سۈپىتىدە 14 شىركەتنى ئەرز قىلدۇق. نازارەت ئورگىنى ھەر بىر ئەرزىمىزنى داۋاملىق كۆرۈپ چىقىپ، قائىدە-تۈزۈم ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە تېخىمۇ كۆپ قارارلارنى ئېلان قىلىشىنى كۈتىمىز. ئاڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بارلىق شىركەتلەرنى كۆرۈپ چىقىشىدۇر» .

كانادا كارخانىلار باش نازارەتچىسى شېرى مېيېرخوفېر 15-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرز-شىكايەت قىلىنغان كارخانىلار ئىچىدىكى گوبى مىن شىركىتىنى تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گوبى مىن شىركىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە ئالتۇن قېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئەينى چاغدا بۇ ناھىيەدىكى ئالتۇن كېنىنىڭ 70 پىرسەنت پاي چېكىنى كونترول قىلغانىكەن.

شېرى ميېرخوفېر خانىم، بۇ شىركەتنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى ئالتۇن كېنىنى 2022-يىلى سېتىۋەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ شىركەتكە ئۇنىڭ مۈلكىنى سېتىشتا مەسئۇلىيەتچان بىر سىياسەت تۈزۈپ چىقىشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار گوبى مىننىڭ بۇ تەۋسىيەنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى سودا پائالىيەتلىرىدە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاينىڭ زىجىن كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئۇلۇغچاتنىڭ ساۋاياردۆڭ (Sawayaerdun) ئالتۇن كېنىغا 499 مىليون يۈەن باھا قويغانلىقى، بۇ كاندا 119.5 توننا ئالتۇن زاپىسى بار، دەپ قارىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.