كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» ۋە كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىندا، ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» يولغا قويغاندىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مەسئۇل خادىملار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ دائىرىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىغىنىغا كانادادىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان كانادا پارلامېنت ئەزاسى سەمىر زۇبەرى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن روبېرت سىلۋېرس، ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ئېرىك چوي، دوكتور ئادرىئان زېنز ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى لورا مۇرفىن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.
يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلەشمە رەئىسى جېف مېركلى (Jeff Merkley) پىكىر بايان قىلغان. ئۇ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش قانۇنىنىڭ ماقۇللىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ۋە ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن داۋاملىق كانادا ۋە ئامېرىكالىق تاموژنا خادىملىرىنى بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە يەنىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكادىكى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئوخشاش بىر قانۇننى ماقۇللىشىنى قوللايمەن ۋە ئارزۇ قىلىمەن. بىز ئامېرىكادا بۇ قانۇننى سىناق قىلىپ باقتۇق. ھېچكىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ھېچكىم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ قۇل ئەمگىكى بىلەن بۇلغىنىشىنى خالىمايدۇ. بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى خىتايغا قاتتىق سىگنال بېرىدۇ. ئۇ، خىتايدىن مال سېتىۋالىدىغان شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز ئىجرا قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.»
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى لورا مۇرفىن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكادا يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىن بىرى، دېگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن:
«بۇ مېنىڭ ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا ئىش باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى رەسمىي نۇتۇقۇم. بۇ يىغىنىغا قاتناشقانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن. بۇ يەردە سۆز قىلىش مېنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇردى. تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇر ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئامېرىكادا يولغا قۇيۇلغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىن بىرى. ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. بىز ھازىرچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھەقسىز مۇئامىلە ۋە ئادالەتسىزلىكلىرىنى توختىتىشقا قايىل قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. لېكىن بىز كانادا، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قېلىشىنى توسۇپ، شىمالىي ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارنىڭ زۇلۇمغا شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالمىغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. شۇڭا ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىشى زۆرۈر. بۇ ھەمكارلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ۋە بىز ئارزۇ قىلغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بىز داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئاخىردا كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى سۆز قىلغان. ئۇ، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى چىقىرىپ، دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ۋە ماھىيەتلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كانادانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخى ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللانمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، كانادا ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.