كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى 2-ئۆكتەبىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، لاگېرلار مەسىلىسى، مۇساپىرلار ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەردە كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پىكىرىنى ئالغان.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ رەئىسى، لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى ئانىتا ۋاندېنبېلتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كانادا ۋە غەربتىكى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر تېز ۋە كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلانغان. ئۇ كانادا پارلامېنتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىغا دەرھال كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى، چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ زوراۋانلىققا ئايلىنىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان، بۇ مەسىلە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئېلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئىنكاسىنى قوزغىغان، ئامېرىكىنىڭ بەزى خىتاي شىركەتلىرىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئويلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى. مەمەت توختى گۇۋاھلىق يىغىنىدا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىدە كەسكىن بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، كانادانىڭ دەرھال ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كانادا پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا پاكىت توپلاش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، 21-ئەسىردىكى ‹ئورۋېلچە دۆلەت› نى تەكشۈرۈشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىرىمەن. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشىنى، ھازىر تۈركىيەدە قاپسىلىپ قالغان ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپ ئاستىدىكى 3-4 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ كىشىلەر ھېچقانداق ياردەمسىز ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ رەسمىيىتى 4 يىلدىن ئارتۇق سوزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ بالىسى چەتئەلدە تۇغۇلغان ئائىلىلەر پەرزەنتىگە پۇقرالىق ئالالمىغاچقا بەك ئېغىر ئەھۋال قالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا كىملىك ئىشلەپ بەرمەي، ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە قىستاپ كەلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە يېڭى تۇغۇلغانلارغا پۇقرالىق ھەققى بېرىلمىگەچكە، يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلار دۆلەتسىز كىشىلەرگە ئايلانماقتا.»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالى، مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى، ئىچكى ئورگان سودىسى، ئائىلىلەرنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەھۋالى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى، خىتاينىڭ روھىنگا كرىزىسىدىكى رولى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن.
يىغىندا مەمەت توختى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ئاندېرسوننىڭ بۇ رايوندىكى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۇنىڭ «بىر ھوقۇقسىز رايون» غا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت خۇلاسىغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھوقۇقسىز رايونغا ئايلاندى. ھەر 50 مېتىردا بىر تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇپ، ھەر بىر سودا سارىيى ۋە ئاپتوبۇس بېكىتىدە تەكشۈرۈش يولغا قويۇلدى. ئەگەر سىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماقچى بولسىڭىز رېنتېگىنلىك تەكشۈرۈشكە داخىل بولىسىز. ھەتتا سىز ئۆيىڭىزگە ۋە ھويلىڭىزغا بىخەتەرلىك كامېراسى ياكى خاتىرىلەش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ د ن ئا، كۆز قارىچۇقى، قان تىپى، بارماق ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى توپلىدى. قىسقىسى، پۈتۈن ئۇيغۇرلار جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇلدى.»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن يەنە بىر سوئال ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. بۇ سوئالنى يەنە ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەيۋىد ئۇندېرسون ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە)ئۇيغۇرلارنىڭ( پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىشى، ئۇلارنىڭ باشقا جايغا بارالماسلىقى، باشقا جايغا كۆچەلمەسلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىغان.
مەمەت توختىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھېچقاچان ئۆزىنىڭ پۇقراسىدەك مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان. ئۇ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ھەتتا خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىمۇ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق تەتبىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھېچقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنى ئۆزىنىڭ پۇقراسىدەك كۆرۈپ باقمىدى. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئاساسى قانۇنىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتى، تېررىتورىيەسى ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇ مىللەتلەرگە ئىزچىل پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. بىز پۇقرالىق مەسىلىسىگە كەلسەك ھەتتا ئۇلار جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىنىمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق ئىشلىتىدۇ.»
يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىقرار خالىد خانىم بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى شۇنداقلا يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، بۇ لاگېرلاردا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغان. ئۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا «مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولغانلىقى» نى سورىغان.
مەمەت توختىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولماقتىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇش بىلەن ئوخشاش بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يىل 4-ئايدا گېرمانىيە بىر ئۇيغۇرنى خاتا قايتۇرۇپ قويغان. بۇ ئادەم غايىب بولدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ب د ت تەرىپىدىن مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەن بەزى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇلار غايىب بولدى. مىسىر خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا 209 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولدى. خىتاي مالايسىيادىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرىگە تۈتىۋالغان. ئۇلار ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن قايتىپ كېتىپ غايىب بولدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش خەتەرلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينىڭ غايىب قىلىۋېتىش جىنايىتىگە شېرىك بولۇش مەسىلىسىگە ئايلاندى.»
كانادا پۇقراسى ئەركىن ھاجى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ كانادانىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «لاگېر مەسىلىسى چىقمىغان ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەنگە بېرىپ كېلەلەيتتى. ئۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا ئانچە بىلىنمىگەن ئىدى. تەخمىنەن ئىككى يىل بولدى، تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلدى. بىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان بولساقمۇ، بىزنىڭ روھىمىز، ھېسسىياتىمىز ۋەتەندىكى لاگېردا ئايېتىۋاتقان ئادەملەر بىلەن پەرقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شەخسەن مەن شۇنداق، كېچىسى ئۇخلاپ قالسام ئامال يوق، ئەمما ئۇيقۇمنى شۇنداقلا ئاچسام نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەيمەن. شۇڭا كانادادىكى نەچچە مىڭ ئۇيغۇر شۇنداق ياشىساق، بۇ كانادانىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندى، دېمەكتۇر.»
كانادا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ رەسمىي دىپلوماتىك سورۇنلىرىدا ئاشكارا تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. كانادا باش مىنىستىرى تېرىدو ئۆتكەن ھەپتە نيۇ-يورك شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ئۆزىنىڭ ھەر قېتىم رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاينىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. پائالىيەتچىلەر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە كەسكىن بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىمەكتە.
0:00 / 0:00