كانادا ئۆتكەن ھەپتە كانادا باش مىنىستىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ رەسمىي ئىش باشلىغان. كۇبېك ئۆلكىسىنىڭ سوتچىسى، مەرىي خوسېي خوگ (Marie Josee Hogue) رەھبەرلىكىدىكى بۇ كومىتېتنىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ھالبۇكى، كۈتۈلمىگەن يەردىن بۇ كومىتېتنىڭ 8 تەشكىلاتىدىن تەشكىل تاپقان كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»، بۇ كومىتېتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كومىتېتتا گۇۋاھلىق بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ بۇ قارارى، بۇ كومىتېتنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تەركىبى ۋە ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلماقتا.
«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كومىتېت مەسئۇلى مەرىي خوسې خوگنى كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلىلىرىنىڭ «جىددىي بىخەتەرلىك خەۋپىگە ئۇچرىشى» غا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان 3 نەپەر كانادالىق خىتاي سىياسىيوننىڭ مەزكۇر كومىتېتتىن ئورۇن ئېلىشى، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى 7-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ 3 نەپەر خىتاي سىياسىيوننىڭ كانادا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارالغان شەخسلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى مەرىي خۇسې خوگنىڭ كانادا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خىتاي بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قاراۋاتقان كانادا پارلامېنت ئەزاسى خەن دوڭ، كانادادىكى ماركھام شەھرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چېن گوجى، كانادا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇ يۈەنباۋلارغا تولۇق ھوقۇق بەرگەنلىكىدىن بىئارام بولغان.
ۋاھالەنكى، مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى مەرىي خوسې خوگ، ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى، يەنى 29-يانۋار ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا، تەكشۈرۈشنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەرىي خوسې خوگ مۇنداق دېگەن: «بۇ كومىسسىيە خىزمەت تەرتىپىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ نىزامدىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش كومىسسىيەسىنىڭ رولى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ تېگىگە يېتىشتۇر. (كومىسسىيە) ئۆزىنىڭ ھوقۇقى بويىچە كونكرېت مەسىلىلەرنى بايقاشتا ھەقىقەتنى ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈپ، خۇلاسە چىقىرىدۇ ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋسىيە بېرىدۇ.»
مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ۋەكىللىرىدىن، كانادا «لاۋرې ماكدونالدس ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات ساراھ تېيچ (Sarah Teich) نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش نىشانى خىتاي بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ساراھ تېيچ 7-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ تەكشۈرۈش چەت ئەلنىڭ كانادانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىدۇ. بۇ، 2019 - ۋە 2021-يىللىرىدىكى سايلامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا تەكشۈرۈش خىتايغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنى نۇقتا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭرى بولىدۇ. تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر ئەھۋالغا قاراپ يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن. بىزنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپىمىزغا قارىسىڭىز، خىتاي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېرىترېيە، كۇبا، ئېفىيوپىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرقلىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنى نۇقتا قىلغان مۇھاجىرەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز. بىز ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ كاناداغا ئارىلىشىشىغا كەڭ دائىرىلىك نۇقتىدىن، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى توپلۇقلارنى باستۇرۇشىغا قاراپ چىقىمىز.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ كومىتېتتىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ئۇلار نۇقتىسىدىن «ھەقلىق ئەندىشىسى» بار ئىكەن. ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل، چۈنكى مەن بۇ كومىتېتتا باشقىلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلىمەن. شۇڭا مېنىڭ بىردىنبىر ئېيتالايدىغىنىم شۇكى، سىزمۇ بىلىسىز، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن توغرا قارار چىقاردى. ئەلۋەتتە، مەن بۇنىڭ ئۇنداق ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن.»
«ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ كومىتېتتىن چېكىنىپ چىقىشى، كومىتېتنىڭ ئىناۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى گۇمانلىق بىر سوئال بولۇپ قالماقتا. ساراھ تېيچ ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشى، كومىتېتتا شاھىتلارنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ بولماسلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ساراھ تېيچ مۇنداق دەيدۇ: «بىرلەشمە گۇرۇپپىمىزدىكى قالغانلار داۋاملىق قاتنىشىۋاتىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك، مېنىڭ بۇنى ئارتۇقچە تىياتىرلاشتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئەمدى كومىتېتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ بولماسلىقى ھېس قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشتىن بەھرىمەن بولالماسلىقى ئەپسۇسلىنارلىق ھادىسە.»
كانادادىكى «يەر شارى خەۋەرلىرى»گېزىتى 2023-يىلىنىڭ باشلىرىدا، كانادا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، خەن دوڭنىڭ 2019-يىلى لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇشتا تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە پېشقەدەم خىتاي پۇقرالىرىنى خەن دوڭغا بىلەت تاشلىشى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەن دوڭ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا لىبېراللار پارتىيەسىدىن ئىستېپا بەرگەن، ئەمما مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان. كانادا «يەر شارى پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا پارلامېنتى 2021-يىلى 2- ئايدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى قارار لايىھەسى»، شۇنداقلا 2023-يىلى 2-ئايدا، 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا كۆچۈرۈپ كېلىش قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا، خەن دوڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىغانكەن. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2021-يىلى 6-ئايدا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارار لايىھەسى» نى ئاز پەرق بىلەن رەت قىلىشىدىمۇ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇ يۈەنباۋنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا خۇ يۈەنباۋ كانادانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى كانادانىڭمۇ بۇرۇن يەرلىك خەلقلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقانكەن.
ھالبۇكى، خۇ يۈەنباۋ (Woo, Yuen Pau ) 8-فېۋرال رادىيومىزدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ كومىتېتتىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز پارلامېنت ئەزاسى خەن دوڭ (Han Dong)بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇ يۈەنباۋغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، ئەمما خەن دوڭ ھازىرغا قەدەر سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. خۇ يۈەنباۋ بىزگە قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشتىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئەپسۇسلاندىم. ئۇلارنىڭ قارارىنى قايتا ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇنى كومىتېتتىن سىقىپ چىقارماقچى بولۇشى، بارلىق كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىنمىغان بىر تەكشۈرۈش، «ساختا ئەيىبلەشلەرنى قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خەۋپ» پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ، «بۇ خاتا ئەيىبلەشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى كانادالىقلاردا كەمسىنىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.