كانادانىڭ يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى كانادا سودا خىزمىتى كومىسسارىياتى 12-يانۋار سودا ھۆججىتى ئېلان قىلىپ، كانادا شىركەتلىرىنى ۋە پايچىكلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەسەلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدا سەزگۈر بولۇشنى، بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق ئورۇنلار بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشنىڭ «ئىناۋەتكە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقى»، ئۇنىڭ «قانۇنىي بەدىلى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا تەكىتلىشىچە، تەمىنات زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتى دەخلىگە ئۇچراپلا قالماي، بۇنداق شەركەتلەر يەنە كانادا، ئامېرىكا، مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى قانۇنىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدىكەن. ئۇنىڭدا بۇ ھۆججەت كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققىتىنى قوزغاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىشنىڭ بەدىلى بارلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان 3-دولەت. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۆججىتى كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئوتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ھۆكۈمەتكە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارغا سىياسى پاناھلىق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى سۇنغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلىشىدۇر.
كانادادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆججەت ئۇيغۇر مەسىلىسى كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىمۇ «ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكى» نى كۆرسىتىدىكەن. كانادادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسى پروگراممىسى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختى 13-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئۇيغۇرلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تۇنجى قېتىم كانادا پارلامېنتى (ئۆتكەن يىلى) 21-ئوكتەبىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان سىياسى تەۋسىيە قارارلىرى بار. بۇ سىياسىي تەۋسىيە قارارلىرىنىڭ ئۈچى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەككى، تىجارەت ۋە تاشقىي ئىشلارنىڭ بۇنى تەڭ ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تاشقىي ئىشلاردىلا ئەمەس، خىتاي بىلەن بولغان سودىدىمۇ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
لېكىن كانادا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى گارنېت گەنىيۇسنىڭ قارشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرىدە جاۋابكارلىق مېخانىزىمى يوق ئىكەن. ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، يالغۇز ئاڭلىق بولۇش، ئۆزىنى سوراشنى كۈتۈشنىڭ بەك ئەمەلىي ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شۇڭا ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىرلەر ئۇنىڭ قانداق ئىشلىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق. ئەپسۇسكى، بۇ تەدبىرلەر كونسېرۋاتىپلار تەلەپ قىلىپ كەلگەن ماگنىتىسكى ئىمبارگوسىدەك جاۋابكارلىق مېخانىزىمىنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ئەمەلدارلارنى ھەقىقىي جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان،» دەپ كۆرسەتكەن.
كانادا يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكنىڭ «كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، كەڭ كۆلەمدە بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، دىنىي ئىبادەت ۋە مەدىنىيەت پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، نىشانلىق باستۇرۇش ۋە نازارەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش، تۇغماس قىلىش، تەن جازاسى ۋە باشقا قوپال مۇئامىلە شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى»، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پۈتكۈل خىتايغا كەڭەيگەنلىكى، خەۋەرلەردە «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى كارخانىلاردا كەڭ كولەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، نۇرغۇن ساھەدە يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنى زەھەرلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھۆججىتى كانادادىكى سىياسىيونلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى، ئامېرىكاغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىلىق قانۇن ماقۇللاش توغرىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. سابىق كانادا ئەدلىيە مىنىستىرى، كانادادىكى «رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئىرۋىن كوتلېر بۇ خىل تەدبىرلەرنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئەرباپلارنىڭ بىرى.
ئىرۋىن كوتلېر مۇنداق دەيدۇ: «ۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ ئىشلاپچىقارغان مەھسۇلاتلار مەسىلىسى بار. ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قانۇن ماقۇللىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەشەببۇشلارنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە ئېلىشقا تېگىشلىك زورۇر تەدبىرلەرنى كېچىكتۇرمەي يولغا قويۇش ئۈچۈن بىر سىياسىي ئىرادەنىڭ بار يوقلىقىدۇر.»
ئىرۋىن كوتلېر ئۆتكەن يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى 7 تۈرلۈك تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يېقىندا بىر قېتىملىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرىنىڭ «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ: «بۇ تەدبىرلەر شۇلارنى ئوز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. مەسىلەن، ماگنىتىسكى ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا يۇز بېرىۋاتقان ئىشلاردا جاۋاپكارلىقى بار يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتۇر. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنىڭغا دائىر قانۇن چىقاردى، كانادا پارلامېنتىمۇ ماگنىتىسكى ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك،» دېگەن.
ئىرۋىن كوتلېر ئوتكەن يىلى كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر لارغا قىلىۋاتقان ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دىكى قىرغىنچىلىققا ئائىت 5 خىل قىلمىش سادىر قىلىنغان ئىكەن.
لېكىن مەمەت توختى، كانادا يەر شارى ئىشلىرى مىمنىستىرلىقىنىڭ ھۆججىتىدە خىتاينىڭ ھەركىتىنى ئېنىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېلېمېنتلىرىنىڭ ساناپ ئۆتۈلگەنلىكىنى بىلدۇردى. مەمەت توختى مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا كانادا شىركەتلىرىنى بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇسۇن دېگەندەك ئۇيغرۇلارغا قىلىنغان زۇلۇملارنى ساناپ ئۆتۈپ، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى ساناپ ئۆتكەن. بۇنى ساناپ ئۆتۈش ئارقىلىق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنىڭمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنىڭ شەپىسىنى بەرگەن.»
كانادا يەر شارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە كانادا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە، كانادانىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاقىدار مېخانىزىملىرىغا ئەمەل قىلىشىنى، ئەگەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، بىر قاتار ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، كانادا ئىمپورت-ئېكىسپورت رۇخسىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ سودا جەھەتتىكى قوللىشىغا ۋە ئېكىسپورت تەرەققىيات مالىيەسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدا: «بۇ خەۋپ شىنجاڭ ياكى خىتاي بىلەن چەكلىنىپ قالمىسىمۇ، بىراق كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتانلىقىغا ئائىت خەۋەر، ھۆججەتلىك دەلىللەرگە ئاساسەن شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇئەسسەسەلەرنى ئالاھىدە خەۋپ پەيدا قىلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ،» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تەمىنات زەنجىرلىرىنى تەكشۈرگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كەمسىتىش ئامىللىرىغا، خۇسۇسەن مەھسۇلات مەنبەسىنىڭ ئېنىق ياكى ئېنىق ئەمەسلىكى، كەسپىي مەكتەپ، ياتاقلىق مەكتەپ، بالىلار يەسلىسى، دېگەنلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك،» ئىكەن.