كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭنى قوللاش بىرلەشمە نامايىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان

0:00 / 0:00

كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 22-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ تورونتو، كالگارى شەھەرلىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى كانادادىكى خوڭكوڭنى قوللاش جەمئىيىتى، «بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتى، تىبەت تەشكىلاتلىرى خىتاي دېموكراتچىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 تەشكىلات بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان.

كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇيغۇنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نامايىش گەرچە نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى قوغداش نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىش مەيدانىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلار مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان.

تۇيغۇنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش مەيدانىدا كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە دائىر تەشۋىقات ۋاراقلىرى ۋە تاختايلار شۇنداقلا 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتى ھەققىدىكى باياناتلار مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى، رۇقىيە تۇردۇش قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىزلىرى كانادا دۆلەت تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق بىرقانچە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

كانادادىكى «خوڭكوڭنى قوللاش جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى گلورىيە فاڭ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مىنىستىر سايلىمىدىن ئىلگىرى «خوڭكوڭنى قوللاش» نامىدا بىر قانچە قېتىملىق نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گلورىيە فاڭ خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ بايانىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنىڭ كانادا ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرىدا دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى، خوڭكوڭلۇقلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئەتىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش كەيپىياتى كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خوڭكوڭدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خوڭكوڭ ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاش نامايىشلىرىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە كۆپ خىل مەزمۇنلار بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇنجان ئەپەندى كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسى، «بىر ئەركىن دۇنيا تەشكىلاتى»، «خوڭكوڭنى قوللاش جەمئىيىتى»، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى قاتارلىق 10 تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە، 9-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرقانچە قېتىملىق نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇنجان ئەپەندى يەنە يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى سەۋەبلىك كانادا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردا خوڭكوڭ ۋەزىيىتى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خوڭكوڭنى قوللاش نامايىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا تۇيغۇنجان ئەپەندى يەنە كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە كانادادا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كانادانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىشقا سەپەرۋەر قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.