كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبېرى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېيىشنى قوللايمەن»

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدىكى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى توغرىسىدا ئاۋام پالاتاسىغا قارار لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايكېل چوڭ 24-يانۋار كونسېرۋاتىپلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئەڭ تېز ئارىدا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىدىكى لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ قارارغا، باش مىنىستىر تېرىدونىڭ لىبېرال ھۆكۈمىتى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغانىدى. سامېر زۇبېرى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى.

ئۇ، 26-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ تۆۋەن كومىتېتتىكى پوزىتسىيە بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سامېر زۇبېرى مۇنداق دېدى: «مەن تۆۋەن كومىتېتتا قانداق پوزىتسىيە تۇتقان بولسام، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولىدۇ. بىز پارلامېنتنىڭ بىر كومىتېتى سۈپىتىدە، كومىتېتتىكى بارلىق ئەزالار بىردەك ھازىرقى مەۋجۇت ئەھۋالنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتتۇق. مەن ھازىرمۇ بۇ پوزىتسىيەمدە تۇرىمەن».

سامېر زۇبېرىنىڭ تەكىتلىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ يەنە داۋاملىشىشىغا يول قويمايدىكەن. ئۇ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى بۇنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سامېر زۇبېرى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ تاشقىرىغا چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ماڭا چۈشىنىشلىك. بىز بۇ ئەھۋالنى دۇنيا جامائىتى بولۇش سۈپىتىدە ئۆزگەرتىشىمىز، مەزكۇر رايون بىلەن ئالاقە قۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ دۇنيادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئورۇن يوق، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ ئورۇن يوق. شۇڭا، بىز دۇنيا جامائىتى سۈپىتىدە بېسىم قىلىشىمىز، بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. مەن ئۇلار بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرالمايدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ داۋام قىلالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، خەلقئارا جامائەت ئۇنىڭغا داۋاملىق يول قويمايدۇ، ئۇنىڭغا ئارىلىشىدۇ. بىز بۇنى ئامېرىكانىڭ ئىپادىسىدە كۆردۇق».

مايكېل چوڭ بىلەن گارنېت گېنىيۇس 24-يانۋار يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار «كانادا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى، ئىككى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورۇنلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى، دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى سىستېمىلىق نوپۇس كونترولى، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

ئۇلار يەنە كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىنكاس بىلدۈرۈشنى مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «شۇڭا، بىز تېرىدو ھۆكۈمىتىنى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا، شۇنىڭدەك يەنە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە چاقىرىمىز» دەپ تەكىتلىگەنىدى.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئەگەر كونسېرۋاتىپلار تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنىڭ ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەن. كانادا «شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 26-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغاندا تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتتىكى لىبېراللارنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدا رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق. چۈنكى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنى ‹بەك خىتايپەرەس بولۇپ كەتتى، خىتاينىڭ ئەسكەرلىرىنى ئەكېلىپ كانادا تۇپراقلىرىدا چېنىقتۇردى› دەپ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ كانادا باش مىنىستىرى تېرىدومۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم گەپ قىلدى. شۇڭا بۇنىڭ رەت قىلىنىش ئېھتىماللىقى بەك ئاز».

تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادادىكى ئۇيغۇرلار پارلامېنت ئەزالىرىغا مەكتۇپ يېزىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلماقتىكەن. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ قارارى كانادا پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلارغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇيغۇن ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «بۇ پارلامېنتنىڭ ئاۋازىغا قويۇلسا ئوتەمدۇ-ئوتمەمدۇ، بىر مەسىلە. ھازىر بۇنى قوللايدىغان گارنېت گېنىيۇس، مايكېل چوڭ، دەپ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى چىقتى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ قارارى كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە بەك تەسىر قىلدى».

ئاۋام پالاتا ئەزاسى سامېر زۇبېرىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ ئوتكەن يىلى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشى پۈتۈن پارلامېنتنىڭ قارارى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ قارار كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىغا سالامەلەيكۇم، دەيدىغانلىقى، ئۇلارغا تىنچلىق، ئېسەنلىك سەۋر-تاقەت تىلەيدىغانلىقى، كانادا پارلامېنتىنىڭ 2020-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدىكى شاھىتلار، مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئۇچراۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۇنى ۋە باشقىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. سامېر زۇبېرى مۇنداق دېدى: «مەن شەخسەن ئۆزۈم بۇلارنى ئاڭلاپ نەچچە كېچە ئۇخلىيالمىدىم. بۇ مېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بىزنىڭ پارلامېنت كومىتېتىمىز ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قارار قىلدى. گەرچە بۇ قارار پۈتۈن پارلامېنتنىڭ قارارى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ كومىتېتتىكى بارلىق پارتىيەلەر بىردەك شۇنداق جۇلاسىغا كەلدى. مانا بۇ پارلامېنت كومىتېتىنىڭ خۇلاسىسى، مەن بۇ خۇلاسىدە تۇرىمەن».

كانادا لىبېراللار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ 12-يانۋار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىلىپ فرانشىئوس شامپەين ئىلگىرى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. «يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارنومۇ كانادا ئاخبارات شىركىتى-CBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇمۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن. مارك گارنو «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلەش پۇرسىتىم بولىدۇ. بەلكىم بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەيمەن» دېگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا دىققەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش توغرىسىدا بىر ھۆججەت ئېلان قىلىپ، كانادا شىركەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي مۇئەسسەسىلىرىگە چېتىلىپ قالماسلىقىنى، ئەگەر چېتىلىپ قالسا ھۆكۈمەتنىڭ سودا ۋە مالىيە جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھۆججەتنىڭ رەسمىيەت خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى، ئەمەلىي كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.