كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ترۇدۇ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئورۇن ھازىرلاشقا چاقىردى
2023.01.31

يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىپ كېلىنگەن خىتايدىن قېچىپ چىققان 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەت مۇساپىرلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىش لايىھەسى ئاخىرقى باسقۇچكە كەلدى. كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى، ھاكىمىيەت بېىشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ لايىھەنى 1-فېۋرال ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، يەنى 30-يانۋار كۈنى ئاخىرقى قېتىم پارلامېنتتا مۇنازىرىگە قويدى.
پارلامېنتنىڭ قىشلىق تەتىلدىن كېيىنكى تۇنجى كۈنلۈك يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلغان بۇ لايىھەگە قارىتا پارلامېنت ئەزالىرى باش مىنىستىر ترۇدونىڭ ھۆكۈمەت كابېنتىنى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىغا كانادادا ئورۇن ھازىرلاشقا، قارار لايىھەسى 1-فېۋرال ئاۋازغا قويۇلغاندا ھۆكۈمەت كابىنتىنىمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشكا چاقىردى.
بۇ قارار لايىھەسىنى سۇنغان لبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ 30-يانۋار پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەيلى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولسۇن، چوقۇم ھەل قىلىنىشى ۋە ئېنىقلىققا ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن. سامىر زۇبەرى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ ئالاھىدە قارار لايىھەسنى چۆرىدىگەن ھالدىكى بىر ئىتتىپاقلىق ساداسىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ئىنسانىيەت ئائىلىمىزنىڭ بۇ جىددىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىقا ياردەم بېرىش تەشەببۇسى، مەيلى ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارالسۇن، چوقۇم ئېنىق ھەل قىلىنىشى كېرەك. بۇ لايىھە كانادالىقلار تەرىپىدىنلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ دىققەت قىلىنىدۇ.»
سامىر زۇبەرى سۆزىدە يەنە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قايسى پارتىيەدىن بولسا بولسۇن، بۇ قارار لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ: «بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە ئېنىق بولۇشىمىز ۋە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىشىمى ئىنتايىن مۇھىم. مەن بۇ پارلامېنتتىكى ھەر بىر ئەزانىڭ قايسى ئورۇندا بولسا بولسۇن، قايسى پارتىيەدىن بولسا بولسۇن، بۇ قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە كۈتىمەن» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە M-62 نومۇرلۇق بۇ قارار لايىھەسى باش مىنىستىر ترۇدونىڭ ھاكىمىيەت بېىشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنتتىكى بەش پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. 30-يانۋار پارلامېنت كۇبېك گۇرۇپپىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دېنىز ترۇدېل سۆزگە چىققاندا، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دېنىس ترۇدېل: «مېنىڭچە، بۇ قارار لايىھەسى ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر دۇنيادا ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى، كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى كۆپ، بۇنى مېنىڭ خىزمەتداشلىرىممۇ بىلىدۇ. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بەك ئالاھىدە بولۇپ، چوقۇم سۆزلىنىشى كېرەك» دېگەن.
دېنىس ترۇدېلنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنداق بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە يەنىلا ئىككىلىنىپ كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىم بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ T-62 نومۇرلىق قارار لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشىنى، خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دېنىس ترۇدېل مۇنداق دەيدۇ: «T-62 نومۇرلىق قارار لايىھەسى ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋاز بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت كابىنېتى قورقۇنچاقلىق بىلەن بۇ قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. بىز بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى، بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ يۈرەكلىك بىلەن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۆكتىچى پارتىيەلەر جاستىن ترۇدو ھۆكۈمىتىنى يۈرەكسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن ترۇدو 30-يانۋار ئۇيغۇر مۇساپىرلار قارار لايىھەسى پارلامېنتتا مۇنازىرە قىلىنغان بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى بىر ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئانالىزچىلار، ترۇدونىڭ پارلامېنت بىناسىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ھۆكۈمەتنىڭ 1-فېۋرال ئاۋازغا قويۇلىدىغان قارار لايىھەسىگە قارىتا ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سىگنال، دەپ قارىماقتا. پارلامېنت بىناسىدىكى ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختى 31-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ترۇدو بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قارار لايىھەسى 1-فېۋرال ئاۋاز قويۇلغاندا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىغا ئىشەنسىمۇ، لېكىن كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدىكەن.
لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسى، كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىقىپ، 3-دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 10 مىڭ كىشىنى 2024-يىلدىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە كاناداغا يۆتكەپ كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
سامىر زۇبەرى 30-يانۋار پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ھامان قوغداش مەسئۇلىيىتى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ دىگەنلىك، قانۇن-تۈزۈمگە تايىنىدىغان كانادادەك دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلارنى ئىشقا سېلىشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر» دېگەن.