كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى» نى قارار قىلىدۇ

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى كېلەر ھەپتە ئاۋاز بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قارار بېرىدۇ. بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايكېل چوڭ سۇنغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا بۇنداق تەكلىپ لايىھەسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇنىڭ تەكلىپ لايىھىسى كانادانىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەكلىپ لايىھىسى 18-فېۋرال كۈنى كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا پۈتۈن بىر كۈن دېگۈدەك قاتتىق مۇنازىرە قىلىندى. يىغىندا مايكېل چوڭ سۆز قىلىپ، دەلىللەرنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى، كانادانىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايكېل چوڭ مۇنداق دەيدۇ: «كانادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە تەرەپدار دۆلەت. ئەھدىنامىنىڭ 1-ماددىسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشقا دۆلەتتە يۈز بەرسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كانادانىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ 4-ماددىسىدا كانادانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، خۇسۇسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بايان قىلىنغان. بۇ مەسئۇلىيەت بىر مەجبۇرىيەت بولۇپ، خەلقئارا قانۇننىڭ ئۆلچىمىدۇر».

مايكېل چوڭنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق بولۇپ، كانادا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قاچماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «ھېچكىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنسا، دەرھال توختايدۇ، دەپ ھېسابلىمايدۇ. بىراق ئېتىراپ قىلىش بۇنىڭ يادرولۇق تۇنجى قەدىمى. كانادا نۇرغۇن يىللار ئاۋۋال ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرغاندەك بۇ دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئېنىق چاقىرىشتۇر. رەئىس خانىم، دەلىللەر ناھايىتى ئېنىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ. كانادا ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قاچماسلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىشى لازىم. بىز چوقۇم رەھبەرلىك رولىمىزنى نامايان قىلىشىمىز، پوزىتسىيەمىزنى ئىپادىلىشىمىز، بۇ تەكلىپ لايىھىسى چوقۇم ماقۇللىنىشى كېرەك» دېگەن.

يىغىندا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گارنېت گېينىيۇس، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن بىز ئاۋام پالاتاسىنى ئاددىي، ئەمما مۈشكۈل مەسىلىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىق رېئاللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىۋاتىمىز. مەن سۆزۈمدە بۇرۇن بۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاڭلىمىغانلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن بۇ رېئاللىقنى دىققىتىگە سۇنىمەن. شۇنىسى ماڭا ئايانكى، تەتقىقاتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شۇنىڭدەك پاكىتنى كۆزدىن كەچۈرگەنلەر ئارىسىدا بۇ رېئاللىققا قارىتا جىددىي ئىختىلاپ يوق».

گارنېت گېينىيۇس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى 5 خىل تەبىرىنىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەبىرلەرنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن. گارنېت گېنىيۇس: «مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئەھدىنامىنىڭ بىر ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› سادىر قىلغانلىقنى بېكىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى 5 خىل تەبىرىنىڭ ھەممىسىگە چۈشكەندەك قىلىدۇ».

گارنېت گېنىيۇسنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ كونكرېت دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ ك ۋە د بۆلەكلىرىدىكى «بىر توپنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى غەرەزلىك ھالدا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش، تۇغۇتنى چەكلەپ، تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىقى» نى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

كونسېرۋاتىپلارنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى كانادا پارلامېنتىدىكى باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كانادادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامېر زۇبەرى ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ تۈنۈگۈنكى يىغىندا ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئىختىلاپنى قايرىپ قويۇپ، ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. سامېر زۇبەرى: «ئۇ كومىتېتتا بىز پىكىر ئىختىلاپلىرىمىزنى قايرىپ قويۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. بىز شەخس ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىزدە پىكىر ئىختىلاپىمىزنى قايرىپ قويۇپ، بۇ جىددىي كرىزىسنى قولغا ئالدۇق. بىز شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ نۇقتىلاردا بىر قارارغا كەلدۇق. بىرىنچىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى قارار قىلدۇق»، دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ مەسىلىدە كانادا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كۈرەك ئىكەن. ئۇ: «بىز كانادانىڭ ش ئۇ ئا ر دا 5-چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. پارلامېنت ئەزالىرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر بىزنى كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر بىرىڭلارغا شۇنى دېمەكچى، كانادالىقلارغا ۋە خەلقئارادىكىلەرنىڭ كۈچى بار، سىلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە كۈچۈڭلار بار».

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھىسى 22-فېۋرال ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. ئەگەر بۇ تەكلىپ ماقۇللانسا، كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي تونۇغان بولىدۇ. كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. كانادادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى 19-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي گۆرۈگە تۈتىۋالغان كانادا پۇقرالىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلساق، خىتاينىڭ گۆرۈدىكى كانادا گىراژدانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويسا، بۇنىڭ ئۆزلىرىگە سىياسىي بەدىلى بولىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا باش مىنىستىرى ترېدو، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلمىشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. ترېدو، 16-فېۋرال كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ سالمىقى ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، ئۇنى پەقەت «ئېنىق ۋە توغرا» بولغاندىلا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئاۋام پالاتاسىدا كونسېرۋاتىپلارنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى.