كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ترۇدېئو ھۆكۈمىتىنى «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

كانادادا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسى ۋە ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ترۇدېئو ھۆكۈمىتىنى كانادا پارلامېنتىنىڭ 22-فېۋرال ماقۇللىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قارارىغا ئەمەل قىلىپ، كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. دۈشەنبە كۈنى 266 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىنىپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلانغان بۇ قارارغا، باش مىنىستىر جاستىن ترۇدېئونىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قارشى ئاۋاز بەرمىگەن ئىدى.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەمدى كانادا ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بىخەتەر ماكان بىلەن تەمىنلىشى، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلىشى ۋە ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەك ئىكەن. سامېر زۇبەرى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارار لايىھىسىنى قوللىغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى.

ئۇ 24-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادانىڭ «ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئەخلاقى مەسئۇلىيىتى بارلىقى» نى بىلدۈردى. سامېر زۇبەرى: «ھازىر پارلامېنت رايوندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلدى. بىزنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇ توغرىسىدا (پارلامېنتنىڭ) خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى بايانات ئېلان قىلغان. باياناتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ. ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان» دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك 1-ئىشى ئالاھىدە مۇساپىرلار پروگراممىسى يولغا قويۇپ، خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەنكى، بىز لاگېرلارغا يوللىنىش خەۋپى بولغانلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. كانادا بۇرۇنقى يەزىدىلەر ۋە سۇريانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى ھازىر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىشى لازىم. بۇ ھەرىكەت ھۆكۈمەتلەرگە پارلامېنت ماقۇللىغان قارارنىڭ ئىجرا قىلغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ».

كونسېرۋاتىپلارنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گارنېت گېنىيۇسنىڭ قارىشىچە، مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۇيھگۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدىكى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن. گارنېت گېنىيۇس بۇ سۆزلەرنى 23-فېۋرال كانادا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئارنولد ۋېرسېننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا تەرەققىيات» دېگەن تېمىدىكى كەچلىك تور يىغىنىدا ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كانادانىڭ «مۇساپىرلار شەخسى كاپالەت قانىلى» ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھازىرقى ئۈنۈملۈك يولى ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغا مۇنداق دېدى: «بۇ، شۈبھىسىزكى، بىز جاۋابەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. بىراق مەن بۇنىڭدا مۇساپىرلار شەخسى كاپالەت قانىلىنى ئىشلىتىشكە مايىل. بۇ، خەتەر ئاستىدىكى كىشىلەرنى كاناداغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ كاناداغا ماسلىشىشىغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان دىققەتنىڭ ئارتىشى كانادادىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنى ئۇلارغا كاپالەت بولۇشقا تېخىمۇ قىززىقتۇرىدۇ». بىراق، ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنى بۇ پروگراممىغا كاشىلا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن.

گارنېت گېنىيۇسنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەت يەنە خىتايغا ماگنىتسكىي ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش بۇنىڭ 1-قەدىمى. 2-قەدەمدە كۈچلۈك سىياسىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداش، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش يولىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بارغانلارغا قارشى ماگنىتىسكى ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش، بىزنىڭ تەمىنات زەنجىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىش. مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىمىزغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر» دېگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى زۇبەرىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدا كونسېرۋاتىپلارغا ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كاناداغا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلماسلىقى كېرەك. بەزى مەھسۇلاتلار ئاساسەن دېگۈدەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان. بۇ مەھسۇلاتلار پاختا، پەمىدۇر، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كرىمنىي قېتىشمىسى ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. . ھۆكۈمەتنىڭ مانا بۇلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا پارلامېنتىنىڭ قارارى كاناداغا بەزى مەسئۇلىيەتلەرنى ئارتىدىكەن. كانادادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى 24-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پارلامېنتنىڭ قارارى كاناداغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جاۋابكارلارنى جازالاش ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنى قوغداش جەھەتلەردە زور مەسئۇلىيەت ئارتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىدا 29 ئاۋازغا قارشى 229 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانىدى. كانادا پارلامېنتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپ لايىھىسى سۇنغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل چوڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى سامېر زۇبەرىمۇ 24-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش پىكىرىنى «ئەڭ توغرا يول»، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.