كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسى مۇھىم نۇقتا بولغان

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 28-مارت كۈنى «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

كانادادىكى ئىككى قۇياش ئېنېرگىيەسى كارخانىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشكە چېتىلىپ قالغان، كانادا ھۆكۈمىتىمۇ كانادا كارخانىلىرىنىڭ مال تەمىنلەش لىنىيەسىدە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان. كانادا ھۆكۈمىتى مال تەمىنلەش لىنيەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسى تۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە زەربە بەرمەكچى بولغان.

كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول چوڭ (Michael Chong) 28-مارت كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىدىن: قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈلدىمۇ، قانۇنسىز مەھسۇلاتلار تۇتۇپ قېلىندىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى سودا باش نازارەتچىسى داۋىد ھاتچىسون (David Hutchison) «ياق» دەپ جاۋاب بەرگەن، ئەمما ئۇ بۇ مەھسۇلاتلاردا بەزى مەسىلىلەر بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مەھسۇلاتلار شىنجاڭدىكى كرىستال كىرېمىي ماددىسىنى ئىشلىتىشتىن كەلگەن، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولۇش ئېھتىمالى چوڭ. بىزنىڭ بىلگىنىمىزدەك، تەمىنلەش لىنىيەسى مەسىلىسى ناھايىتى مۇرەككەپ، بىر خام ئەشيانىڭ مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ناھايىتى تەس» دېگەن.

كانادا ھۆكۈمىتى گەرچە 2020-يىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئانچە چوڭ رولى بولمىغان. پەقەت ئۆتكەن يىل 11-ئايدا خىتايدىن كىرگەن بەزى كىيىم-كېچەكلەرنى تۇتۇپ قالغان. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى كارخانىلارغا «شىنجاڭدىكى سودىدا راستچىل بولۇش خىتابنامىسى» ئىمزالىتىپ، ئۇلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق ۋەدىسى ئالغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت «تاشقى سودا كومىسسارلىرى مۇلازىمەت ئورگىنى» بىلەن ئالاقىسى بولغان كارخانىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكول چوڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىگە قارشى كۈچلۈك سىياسەت ۋە تەدبىر قوللانمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، «گەرچە بىز ئۆتكەن يىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كانادا كىرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بەزى تەدبىرلەرنى قوللانغان بولساقمۇ، بۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن يوچۇقلار بار» دېگەن.

ئامېرىكا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ، مەسئۇلىيەتنى تاموژنا خادىملىرىغا ئەمەس، كارخانىلارغا يۈكلىگەنىدى. كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئايدا «يەرشارى تەمىنلەش لىنىيەسىدىكى ئېكسپىلاتاتسىيە دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق كانادادىكى تەمىنلەش لىنىيەسىدە مەۋجۇت بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىللىرىنى تۈگىتىپ، چەتئەللەر بىلەن سودا قىلىۋاتقان كانادا كارخانىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىگە شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولغان. بۇ قانۇن ھازىر پىكىر ئېلىش باسقۇچىدا بولۇپ، پات ئارىدا قانۇن تۇرغۇزۇلماقچى ئىكەن.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى «زامانىۋى قۇللۇق قانۇنى» تۈزۈپ چىقىپ، كانادا كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار كانادانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەم مالىيە مىنىستىرى چىستىيا فرىلەند (Chystia Freeland) گە خەت يېزىپ، كانادا پېنسىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاي ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىل 2-ئايدا كانادا پارلامېنتى 266 ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىغانىدى. بۇ قېتىمقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى ترودۇ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاشكارا ئېتىراپ قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى خىتاي رايونى سىياسىتى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى جېنىنى چېن (Jennie Chen) مۇنداق دېگەن: «كۆزەتكۈچىلەردىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بىز كانادا ھۆكۈمىتىگە شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپى سۇنىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولۇپتۇ، بىز ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئېلان قىلىدىغان دوكلاتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمىز».