كانادانىڭ بىر نازارەت ئاپپاراتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەزمىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
2023.04.12
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 تەشكىلات ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا، كانادانىڭ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش ئورگانىغا، شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كاناداغا ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقى، كانادا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەۋجۇت قانۇنلارغا ئاساسەن بولسىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى يېتەرلىك چەكلىمەيۋاتقانلىقىغا ئائىت 13 تۈرلۈك ئەزر-شىكايەتتە بولغان ئىدى. نۆۋەتتە، كانادانىڭ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش رىۋىزىيە ئورگانى (Canadian Ombudsman for Responsible Enterprise)، بۇ ئەرز-شىكايەتلەرگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەزمىلىك قىلىش، خىزمەتتە ئۈنۈمدار بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادانىڭ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش رىۋىزىيە ئورگانىغا ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا سۇنغان ئەرز-شىكايىتىدە كانادادىكى كىيىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 12 شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ كاناداغا ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەرز-شىكايەتتە كوستكو، گەپ، خيۇگو بوس، نايكى، لارىف لورېن، زارا، دېزىل، گەسس، لېۋى-سترائۇس، ۋولمارت قاتارلىق شىركەتلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان ئىدى.
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى مەمەت توختىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەرزگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن كانادانىڭ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش رىۋىزىيە ئورگانى بيۇكراتلىق رەسمىيەتلەرنى ۋە «ھاجەتسىز» مەخپىيەتلىكلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۇنغان ئەرزى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا ئۈنۈمدار بولمىغان.
نۆۋەتتە بۇ مەسىلە كانادا تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. كانادانىڭ «يەر شارى پوچتىسى» گېزىتى 11-ئاپرىلدىكى سانىدا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ، كانادا شىركەتلىرنى نازارەت قىلىش رىۋىزىيە ئورگانىنىڭ كانادا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشتا ئۈنۈمسىزلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «يەر شارى پوچتىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئورگان ھازىرغا قەدەر ئەرز-شىكاليەتلەردىن بىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈشىنى پۈتتۈرۈپ بولمىغان.
كانادا شىركەتلەرنى نازارەت قىلىش رىۋىزىيە ئورگانىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى، كانادا ئاۋام پالاتاسى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان. S-211 ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن يىلى كانادا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئاۋام پالاتاسىدىمۇ ماقۇللىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
بۇ قانۇن لايىھەسى بەزىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بەزىلەر بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توساشتا كۈچلۈك ئەمەس، دەپ قارشى چىققان.
كانادادىكى مەكدونالد لاۋرىئېر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات ساراھ تائىيچ، بۇ قانۇن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كاناداغا كىرىشىنى توسۇشتا يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ 11-ئاپرىل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى شىركەتلەرگە ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەيدىغان بىر قانچە قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، بۇ قانۇن بويىچە شىركەتلەر ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ قانۇن يوقتىن ياخشى. ئەگەر ئۇ ئىجرا قىلىنسا، مەلۇم ئىشلارغا يارىسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇ پەقەت تېزلىتىش مەجبۇرىتىلا يۈكلەيدۇ.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە يەنە بىر قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەيدىكەن.
ساراھ تائىيچ، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆزلىرى ئۈمىد قىلىدىغان لايىھە ئىكەنلىكىنى، لېكىن ھازىرقى S-211 ناملىق قانۇن لايىھەسى ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز يۇقىرىدەك بىر قانۇن لايىھەسىنى كۈتىمىز، بۇ خىل لايىھە بىزنىڭ ئارزۇيىمىز، لېكىن ھازىرقى بۇ لايىھە ھېچقانداق يەرگە ئاپارمايدۇ» دېدى.
كانادانىڭ يېڭى قانۇن چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تالاش-تارتىشى، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» غا ئوخشاش تەشكىلاتلار كانادا خىتاينىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ سېتىش بازىرى» غا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىر ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ساراھ تائىيچنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر كانادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە سەمىمىي بولسا، ئامېرىكانىڭكىگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك قانۇن چىقىرىشى كېرەك ئىكەن.
ساراھ تائىيىچ مۇنداق دىدى: «بىز ئارزۇ قىلىدىغان قانۇن ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك بولۇشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بار. بۇ قانۇن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىگە ئىگە. كانادانىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلۈك قانۇنى بولۇشى، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قويۇلۇشى، مەھسۇلات ئىمپورت قىلماقچى بولغان شىركەتلەر مەھسۇلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ خىل كۈچلۈك قانۇن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك بولىدۇ.»
مەمەت توختىنىڭ 11-ئاپرىل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مۇرەككەپ ھەم چىگىش مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، كانادانىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قانۇن-تۈزۈم ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە يېتەرسىز قالماقتا ئىكەن. مەمەت توختى بۇنىڭ ئۈچۈن كانادا دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكىتسىيەسى كۈچەيتىلىشى، كانادانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنلارنى چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مېخانىزىمىنى تېخىمۇ ئۈنۈمدارلىققا ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كانادا، ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا ئارىسىدىكى «شىمالىي ئامېرىكا سودا شەرتنامىسى» غا ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەن. بۇ كېلىشىم 2020-يىلدىن باشلاپ رەسمى كۈچكە ئىگە بولغان. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي ئۆتكەن يىلى كانادادا زىيارەتتە بولغاندا كانادا سودا مىنىستىرى مارىي نى ۋە مېكسىكا سودا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن.
كەتېرىن تاي، «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى بىردىن-بىر مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ۋە خىتاي مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇلغان مۇئامىلىنى نەزەردە تۇتقاندا جىددىي بىر مەسىلە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.