كانادادا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
كانادادا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئېچىلدى كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Memet Tohtining FB hésabatidin élindi

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 12-ئاپرېل كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرۇلۇق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىپ ھەپتە ئۆتكەندە، كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىدىن تەركىپ تاپقان 26 تەشكىلات بىرلىشىپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بولغان كانادا كارخانىلىرىنى ئاشكارا تەكشۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى (CORE) دىن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان 14 شىركەتنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، كانادادىكى بۇ 14 شىركەتنىڭ ئىچىدە 12 شىركەت كىيىم-كېچەك سودىسى، 2 شىركەت كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە كوستكو، نايكې، زارا، ۋولمارت، ئامازون قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ كانادادىكى تارماقلىرىمۇ بار ئىكەن.

كانادا كارخانا مۇتەپەتتىشلىكى 2019-يىل قۇرۇلغان ئورگان بولۇپ، كانادادىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرىدىكەن؛ گەرچە بۇ ئورگان سوت ئورۇنلىرىغا ئوخشاش بىرەر شەخس ياكى كارخانىلارغا كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىسىمۇ، كارخانىلارغا چۈشكەن ئەرز-شىكايەتنى ئاشكارىلاش ۋە تەشۋىق قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

كانادادىكى 26 تەشكىلات بىرلەشمىسى كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكىگە تەلەپنامە سۇنغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاخبارات تور يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىدىن تولۇق مەلۇمات بەردى ھەمدە بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراش ۋە تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

يىغىندا كانادادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، كانادا كارخانا مۇتەپەتتىشلىكىگە سۇنۇلغان دوكلاتنىڭ ئاپتورى سارا تېچ (Sarah Teich) كانادادىكى 14 كارخانىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغان ئىسپاتلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدا سودا قىلىۋاتقان شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. مانا بۇ كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى. 2019-يىلى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترودۇ چەت ئەلدە سودا قىلىۋاتقان كانادا شىركەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىشخانىنى قۇرغان. ئەگەر ئۇ شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىز بۈگۈن ئەتىگەن سۇنغان تولۇقلىما ماتېرىيالدا شىركەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى بىلدۈرۈلدى ۋە تەپتىشلەرنىڭ بۇ شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، بۇ باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ».

يىغىندا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ 2000-يىلدىن باشلانغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، 2014-يىل ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆججەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي پىلاندىن بەكرەك سىياسىي پىلان ئىكەنلىكىنى، لاگېرغا سولانغانلارنىڭ زاۋۇتلاردا قۇل قىلىنغانلىقىنى، يېرىدىن ئايرىۋېتىلگەن دېھقانلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار زور مىقداردا ئىچكىرى خىتايغا يۆتكىلىش جەريانىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇلارنى «ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مۆلچەرىمچە، شىنجاڭدا ھازىر 1 مىليون 600 مىڭ ئەتراپىدا ئاز سانلىق مىللەت پۇقراسى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكەلسە، باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىن، ئۆز مەدەنىيەتى، دىنى ۋە تىلىدىن ئايرىپ تاشلىماقتا. خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامىدا نەچچە مىليارد دوللارلىق چوڭ زاۋۇتلارنى قۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە لاگېر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلار بار. نامراتلىقنى تۈگىتىمىز دەپ قۇرغان زاۋۇتلىرى ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ كېلىش بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمگەك كۈچىنى مەجبۇرىي يۆتكەش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، چۈنكى پۇقرالارنى ئۆزلىرىنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇلارنى مەھەللىۋى، ئائىلىۋى ھوقۇقىدىن ئايرىۋېتىش دېمەكتۇر. بۇ خىل جىنايى قىلمىشلار بۇ رايوندا ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتكە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنىڭ يەنىلا ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ئەمەلىي بىر قەدەم ئالغان بولسىمۇ، غەربتىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرەر تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە زاۋۇتلاردا قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئىچكىرى خىتايغا نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى مۇستەقىل بىر نازارەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن چەت ئەلدىكى كانادا شىركەتلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، ھازىرقىدەك جىددىي ۋەزىيەتتە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ناھايىتى مۇھىم، بىز بۇ مۇپەتتىشلىكنىڭ بىز دەۋاتقان كارخانىلارنى تولۇق تەكشۈرۈشىنى ۋە نەتىجىسىنى جامائەتكە پات ئارىدا ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئامېرىكالىق ۋاسكېتبولچى، تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەنەس كانتەرمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق بىلگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قارشى قانداق ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ ئامېرىكادىكى نۇرغۇن توپ چولپانلىرى ۋە باشقا داڭلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى، خىتاي ھەققىدە گەپ بولسا ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئېچىنارلىقى شۇكى، كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئەخلاقنى، پرىنسىپنى، قىممەت قاراشنى ئەمەس، پۇل-مالنى تاللايدۇ. ئەمما مەن دائىم ئۇلاردىن: ئەگەر سېنىڭ ئاناڭ، قىزىڭ ياكى سىڭلىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ھەر كۈنى قىيىن-قىستاققا ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىسا قانداق قىلاتتىڭ؟» دېگەن مەسىلىنى سورايمەن. ئۇ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانۇننى ماقۇللىدۇق، بۇ قانۇن خىتاينى نەچچە مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. مەنچە سىلەرمۇ شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. ئەگەر بازاردىن بىر نەرسە ئالغان بولسىڭىز، ئەگەر ئۇ خىتايدا ياسالغان بولسا شۇ جايىدا تاشلاپ قويۇڭ. ھېچ بولمىسا مۇشۇنى بولسىمۇ قىلايسىز».

بۇ يىغىنغا يەنە كانادا-خوڭ كوڭ ئالاقىلىشىش ئورنىنىڭ باشلىقى گلورىيا فۇڭ ((Gloria Fung، كانادا تىبەت كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شېراپ تېرچىن (Sherap Terchin) قاتارلىقلار قاتنىشىپ، كانادادا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ھەققىدە قانۇن چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە پىكىر بەردى.

يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىل كانادا ھۆكۈمىتى كانادا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ھەمدە شىركەتلەرنىڭ بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنى كانادا كارخانا مۇپەتتىشلىكى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كارخانىلارغا تەدبىر قوللىنىشقا ھەيدەكچى بولۇش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت