22-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى «خىتايدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا بىر تور يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە شۇنداقلا تۇرپاندا 10 يىل ياشاپ 2018-يىلى كاناداغا قايتىپ كەلگەن گەرىي ۋە ئاندىرىيا گىك ئائىلىسى تەكلىپ قىلىنغان.
ئالدى بىلەن يىغىندا گەرىي ۋە ئاندىرىيا سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدا ياشىغانلىقى ۋە نەتىجىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە: «بىز ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولدۇق. ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بىر جەريان، ھەرگىزمۇ بىرلا قېتىم يۈز بېرىدىغان ۋەقە ئەمەس. ئۇ سىستېمىلىق بولۇپلا قالماي، مەلۇم بىر ئۇسلۇب ياكى قېلىپلار بويىچە بىر گۇرۇپپىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىبارەت» دېدى.
ئۇلار يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ يەردىكى مەزگىلىمىزدە چەكلىمىلەرنىڭ، تىكەنلىك سىملارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقى، شەھەرلەر ئارىسىدىكى سەپەرلەرنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر چوڭ كىرىش ئېغىزىدا سىم توساقلار، تاملار ۋە قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆردۇق. بىز ئايرودۇرۇملاردا بولىدىغان خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنىڭ دۇكانلاردا، باغچىلاردا ۋە رېستورانلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسىلەپ قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. 2017-يىلى ئىچىدە يېزا-كوچىلىرىدا ئادەملەر كۈنسايىن ئازىيىپ كېتىۋاتاتتى. كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتاتتى، ئۇلار كوچا – كويلارغا چىقىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئاقىۋەتتە، ئائىلە ئەزالىرى تولۇق بولغانلار بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا قالدى».
گەرىي ۋە ئاندىرىيا گىك سۆزى داۋامىدا يەنە رايوندا ئۇيغۇرلارغا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان تۆۋەندىكى مۇھىم سۆزنى قىلدى: «ئوغلىمىزنىڭ ساۋاقداشلىرى 18 ياشقا كىرىشتىن قورقاتتى. چۈنكى ئۇلار 18 ياشقا تولغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. . . بىر كۈنى بىر ياشانغان ئادەم دۇكانغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى، ئۇ يەردىكى جىددىيچىلىكتە ئۇ كىشى ئىختىيارسىزلا بىرىنى ئىتتىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال سىگنال بېرىلدى – دە، دەقىقە ئىچىدە بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە ساقچى ماشىنىلىرى پەيدا بولۇپ ئۇ كىشىنى قورشاۋغا ئالدى».
يۇقىرىدىكى بۇ كانادالىق ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن كېيىن تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
ئادرىيان زېنز سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش ئېيى بولغان 4-ئايدا كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان جۈملىدىن ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت تارتىش ۋە ئۇنى توختىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچىلىرى ھەققىدە توختالغاندا ئالدى بىلەن رايوندا يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇلغان مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى ئاندىن 2017-2019 يىللىرىدا لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش ئەپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئاخىرقى باسقۇچتا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەگە كۆچكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە دېگىنى بىرىنچىسى، پەرزەنتلەرنى ئاتا – ئانىلىرىدىن ئايرىش؛ ئىككىنچىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش؛ ئۈچىنچىسى بولسا تۇغۇتنى چەكلەپ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.»
ئۇ خىتاي ھۆججەتلىرىدە بۇ يۇقىرىدىكى سىياسەتلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى بۇزۇش، كۆكىنى قىرقىش، مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بۇزۇپ، ئۆزگەرتىش» دەپ ئىزاھلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەكىتلىدى. ئۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ساقچى دۆلىتى ۋە لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىشنى تۈگىتىپ، 3-باسقۇچ بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەگە كۆچكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «شۇڭا بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەتلەر چوقۇم بۇ زۇلۇمنى قاتتىق تەنقىد قىلىشى، بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، ئىككىنچىدىن، خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ھەربىر شەخس مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى چىقىپ ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، ئۈچىنچىدىن، خەلقئارالىق ئورگانلار، ب د ت جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك»، دېدى.
ئادرىيان زېنز سۆزىنى: «بەلكىم يۇقىرىدىكى تەدبىرلەر ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى بىۋاسىتە ئاياغلاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشمۇ ئىنتايىن زور روھىي تەسەللى بولىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، توغرا بولغاننى قىلىش. سىز توغرا ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىنىڭىزدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسىز» دەپ خۇلاسىلىدى.
ئارقىدىن كانادادىكى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولغان ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بىر – بىرىدىن جۇدا قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاسىتىنى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىنى شۇنداقتىمۇ بۇ مۇھىم مەسىلىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتەرلىك دىققەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئائىلىلەرنى پارچىلاشنىڭ مىليونلىغان كىشىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش، پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنى ئايرىش، كىشىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ياكى ۋىزا بەرمەسلىك ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى چەكلەش، ئەر – ئاياللاردىن بىرى چەتئەلدە بولسا ئۇنى جۈپتىدىن ئاجرىشىشقا مەجبۇرلاش، ئۇنى ئىنكار قىلدۇرۇشتەك ھەرخىل ۋاسىتىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە پەقەت ‹شاھىت بىز› تورىدا ئايرىلىپ قالغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ سانى 10 يېرىم مىڭدىن ئاشىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە «ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يادروسى بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى بۇزۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى»، دەپ تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يىغىن ئاڭلىغۇچىلىرىدىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانسېرى زومىگەرلىشىپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەۋاتقانلارنى جازالاپ ئۆچ ئېلىشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە بارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلىكتە، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش لازىملىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشتىمۇ شىركەتلەردىن ھالقىپ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ تەدبىر ئالىدىغان يەرگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە ھەربىر كىشى ۋە دۆلەت ئۈچۈن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن بەدەللەر ئاساسىدا قولغا كەلگەن دېموكراتىك سىستېمىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى، دېدى.