كانادادىكى پائالىيەتچىلەر پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق مۇراجىئەتنامە يوللاش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىدى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 28-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كانادادىكى پائالىيەتچىلەرمۇ كانادادىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرۇلۇق مەكتۇپ يوللاش سەپەرۋەرلىكىنى باشلىغان. كانادادا تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى باش بولۇپ تەييارلىغان بۇ مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلىرى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلىنغان. ئاندىن كانادا ھۆكۈمىتىگە بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلماسلىق، لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق خىتايغا بېسىم قىلىش، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئورگان ئوغرىلىقى جىنايىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى يولغا قويۇپ خىتاينىڭ جىنايەتچى ئەمەلدارلىرىنى چەكلەش، كانادادىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىقى بولغان كانادا پۇقرالىرىنى جازالاش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەلەپ سۇنۇلغان.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادادىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مۇراجىئەتنامە ھازىر ئىنگلىز تىلىنى ئاساس قىلغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغىمۇ يوللانماقتا ئىكەن. بۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مەزكۇر مەكتۇبتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا تەلەپلىرىنى سۇنغان.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ مەكتۇبنىڭ بارلىققا كېلىش ئەھۋالى توغرىلىق مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادادىكى داڭلىق دوختۇرلار، ئادۋوكاتلار ۋە ئەقىل ئامبىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سەرخىللاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرغان ئىدۇق، كېيىن بۇنىڭغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ كەسىپ ئەھلىلىرى قاتنىشىپ خەلقئارالىق بىر گۇرۇپپا شەكىللەندى. بىز بۇ گۇرۇپپا ئارقىلىق بىر مۇراجىئەتنامە ھازىرلىدۇق، دەسلەپتە ئۇنىڭدا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى سېتىشنى توختىتىش دېگەن بىرلا مەزمۇن بار ئىدى، كېيىن يېقىنقى ۋەزىيەتكە ئاساسەن قۇل ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىش، «ماگنىتىسكى قانۇنى» نى يولغا قويۇش دېگەن مەزمۇنلار قېتىلدى.»

كانادا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان بۇ مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنىڭ ب د ت بېكىتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆلچىمىگە تامامەن چۈشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئورگان سېتىش سودىسى ئۈچۈن تۈرمە ياكى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇر مەنبەلىرى بېرىلگەن. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەكتۇپقا ھازىر كانادا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيەدىن بولۇپ 1600 دىن ئارتۇق دوختۇر ۋە ئادۋوكاتلار ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قوللىشى مەزكۇر مەكتۇبنىڭ شۇ دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلارغا تەسىر كۆرسىتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ھازىر بۇ مەكتۇپ كانادا ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر تەرىپىدىن يەرلىك سىياسىي ئەربابلارغا بىرمۇ بىر يوللانماقتا ئىكەن. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپىنچە پارلامېنت ئەزالىرى تاپشۇرۇۋالغان خەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزى خەتلەرنى ئوقۇمايدىكەن، شۇڭا ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ ئۇ مەكتۇبنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ۋە جاۋابىنى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنى كانادا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاشقا سەپەرۋەر قىلىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ھازىر بۇ پائالىيەت ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋېتىپتۇ. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا دائىر ئامېرىكادىكىگە ئوخشاش بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى «كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مۇراجىئەتنامىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشى ھازىرچە نامەلۇم. ئامېرىكاغا باققاندا كانادانىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كانادانىڭ ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال پارتىيەسى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز يوللىغان خەتتىكى بەش تۈرلۈك تەلەپكە ئۇلاردىن ئىجابىي ئىنكاس كېلىشىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ماركو روبىيو باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ‹خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى› دىن ئۈمىد كۈتىمەن، بۇ كومىتېت كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە بىرەر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ كومىتېتتا كانادا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن گارنېت ئەپەندىمۇ بار».

ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئورگان سودىسى قىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مەكتۇپ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مەكتۇپقا ئايلانغان بولۇپ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ھوشيار ۋە تەدبىركار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىشقا چاقىرىق قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى غەيرەت ئاتۇش ئەپەندى بۇ قېتىم كانادا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاش سەپەرۋەرلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئامېرىكادا يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئىلھام بولغانلىقى ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

كانادا ھۆكۈمىتىگە يوللانغان مەكتۇبنىڭ ئاخىرىدا خەلقئاراغا، جۈملىدىن كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتابەن مۇنداق دېيىلگەن: «نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ جىنايەت توختىتىلىشى كېرەك. كانادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە بۇ ھەقتىكى خەلقئارا قانۇنلارنى قوغداشتا باشلامچى دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ زوراۋانلىق ۋە قەبىھ جىنايەتكە يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى كېرەك.»

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» قانۇنغا ئايلانسا ۋە ئىجرا قىلىنىسا، شۇنداقلا ماركو روبىيو باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارادا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى مۇئەييەن دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدىكەن.