كانادا پارلامېنتىدا 20- ۋە 21-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كانادا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، «ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشقا، بۇ قىرغىنچىلىققا جاۋابكار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىرىلدى. يىغىندا پائالىيەتچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسى ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىرىغا چۈشۈدىكەن.
كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى گارنېت گېينيۇسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان بۇ يىغىن ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، سىياسىيونلار، مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر ۋە قازاق شاھىتلىرىنىڭ پىكرى ۋە گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغان.
كانادانىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى، كانادا رائول ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىرۋىن كوتلېر 20-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئىرۋىن كوتلېر مۇنداق دەيدۇ: «پارلامېنت ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈردى، دەپ قارالغان بۇ كەڭ كۆلەمدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ بېكىتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بىز روھىنگادا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتكەن تۇنجى پارلامېنت. بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقنالىقىنى بېكىتىشتىمۇ تۇنجى پارلامېنت بولۇشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا «ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئىشلىتىلگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلارغا ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى چۈشۈنەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىلىدى. ئىرۋىن كوتلېر مۇنداق دېدى: «ماگنىتىسكى قانۇنىغا ئاساسەن رۇسىيە، ۋېنىسۇئېللا، بېرما، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي سۇدانلاردىكى جاۋابكارلارغا ماگنېتىسكى ئىمبارگوسى قويۇلدى. لېكىن بۇ قانۇننىڭ نېمە ئۈچۈن (خىتايدىكى) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ياكى تالاش-تارتىشتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىشقا چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم.»
يىغىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئالېكىس نېيىۋ گۇۋاھلىق بېرىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىگە قارىتا ئەتراپلىق ۋە ئىزچىل ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا خىتايغا لاگېردىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى كېرەك ئىكەن.
ئالېكىس نېيىۋ مۇنداق دەيدۇ: «(كانادا) ئۇيغۇر كرىزىسىگە بىر تەرەپلىمىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئەتراپلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى، رادىكالىققا قارشى تەربىيىلەش لاگېرلىرىدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى چەكلىگەن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. كانادا قانۇنلىرىدىكى نىشانلىق ئېمبارگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشى، كانادا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشى ياكى پايدىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.»
ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەدنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەت يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى ئېنىقلىمىلىرىغا چۈشىدىكەن.
ئۇ، كانادانىڭ خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتى ئازىيىپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئاياللار تۇغالمايدىغان، ئەركەكلەر ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان بولدى. ئۇلار بىزگە ئېھتىياجلىق. ئەگەر جىددىي ھەرىكەت قوللانمىساق بەك كېچىكىشىمىز مۇمكىن. مەن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولۇۋاتقان ئىشلارنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشىنى سەمىيمىلىك بىلەن سورايمەن. بۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا سادىر بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.»
يىغىندا كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى گۇۋاھلىق بېرىپ، كانادانىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشى، كانادا ئىچىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كانادا بۇ مەسىلىدە شۋېتسىيەنى ئۈلگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «(مەن) كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى تۈركىيەدىكى ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان 2370 ئۇيغۇر مۇساپىر ئائىلىسىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمەن. دۆلەتسىز قالغان بالىلار تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئىچىدە ياشايدۇ. مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىنى كانادادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسىلا دەرھال قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمەن.»
بىلل برودېر يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكانىڭ 2012-يىلى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولغان بىلل برودەر، يىغىندا كانادانىڭ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ «ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئۆزىگە «كانادا نېمە ئۈچۈن بۇ قانۇننى ئىشلەتمەيدۇ؟» دەپ سوئال قويماقتا ئىكەن.
بىل برودەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۇ ئىشنى يەنە قىلالايمىز. بىز بۇ قانۇننى خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا جاۋابكارلىقى بولغان ئەمەلدارلارغا يۈرگۈزەلەيمىز. مانا بۇ مەزكۇر قانۇننىڭ چىقىرىلىشىكى سەۋەب. ئامېرىكا ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› نى ئىشلىتىپ، 4 خىتاي ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئۇلارنىڭ بىرى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى. مەن كانادانىڭ ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى› تۇرۇپ، نېمىشقا ئىشلەتمەيدۇ، دەپ بېشىمنى تاتىلاۋاتىمەن. مەن بۈگۈن كانادانى ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ، بۇ ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە ئۈندەيمەن.»
كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق 2 كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، چېتىلىش كۆلىمى كەڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر. يىغىندا ئىرۋىن كوتلېر، رەيھان ئەسەت، مەمەت توختىلار بىلەن بىر قاتاردا يەنە جەۋھەر ئىلھام، رازىيە ماھمۇت قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، سايراگۇل سائۇتباي، ئۆمەربېك بەكئالى، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق شاھىتلار، گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئادۋوكات ئېررول مەندەس، ئولگا ئالەكسىيېۋا، دوكتور ئەلىس ئاندېرسون، ئەمىي لېھر قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، نۇرغۇن كىشى گۇۋاھلىق بەرگەن.
0:00 / 0:00