كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغداشتا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىلغان

0:00 / 0:00

كانادا پارلامېنتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى بىلەن تاشقى ئىشلار-خەلقئارا تەرەققىيات كومىتېتى بۇ يىل 4-ئايدا كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 15 تۈرلۈك تەۋسىيە يوللىغان. بۇ تەۋسىيەلەرنىڭ بىرى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىىخەتەرلىكىگە ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدا كانادا جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىستېمىلىق رەۋىشتە ئىز قوغلاپ، ‍ئۇيغۇرلارنى خىتاي بىخەتەرلىك پاراكەندىچىلىكىدىن قوغدىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ 15 تۈرلۈك تەۋسىيەگە قايتۇرغان يازما جاۋابىدا ئۇيغۇرلارنى قوغداش توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇش قىلمىشلىرىدىن خەۋىرى بارلىقى، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزۈل-كېسىل قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، كانادا جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ سىستېمىلىق رەۋىشتە ئىز قوغلاپ، شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنى قوغداش تەلىپىگە قارىتا ‍ئۆز پىكرىدە قالغان.

لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ قەيت قىلىشىچە، كانادا جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ بۇ خىل شەخسى دېلولارنى سىستېمىلىق نازارەت قىلىش ھوقۇقى يوق بولۇپ، كانادانىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ئامانلىق تارماقلىرى كانادالىقلارنى ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىكەن. خىتاي ئومانلىق ئورگانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ ‍ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم.

بۇ مەسىلە كانادا پارلامېنتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇ ‍ئۆزىنىڭ 15 تۈرلۈك تەۋسىيەسىدە بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابىغا كانادادىكى «رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات يۇناھ دىيامۇند قايىل بولمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى ۋە ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىشى كېرەك ئىكەن.

يۇناھ دىيامۇند مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك رامكىسى دائىرىسىدە ئالاھىدە پروگراممىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن كانادا بىخەتەرلىك-ئىستىخبارات ئىدارىسى مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئاممىغا يۈزلىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ كانادادا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىدىن قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلارنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىم».

يۇناھ دىيامۇندنىڭ ئېيتىشىچە، كانادالىق ئۇيغۇرلارنى قوغداش كانادانىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەن. ئۇ: «چۈنكى، بۇ يەردە بىز كانادانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. خىتاي دائىم ‍ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ كەلدى. بىز كانادادا ئۆز پۇقرالىرىمىزنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقرالىرىنى قوغدىيالمىدۇق. شۇڭا بىز ئالاھىدە پروگرامما يولغا قويۇپ، كانادادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ جازاغا ئۇچرىماسلىقى ۋە كانادادا بىخەتەر ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كاناداىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان پاراكەندىچىلىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئال تەھدىت بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتى تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللىنىشقا ياكى لاگېر ھەم تۈرمىلەردىكى ئائىلە ئەزالىرىغا ئۈن چىقىرىشقا پېتىنالماي كەلمەكتىكەن.

«كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى، دوختۇر مۇھەممەتجان قۇربان 2-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرى ئېلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەتجان قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ‍ئۆزىمۇ يېقىندا بۇ خىل پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. ئۇ، بۇ خىل پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ ھەر خىل كىملىك، ھەر خىل مەقسەت ۋە شەكىللەردە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوغداش توغرىسىدىكى تەۋسىيەگە قايتۇرغان جاۋابىدا، كانادا جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ شەخسى دېلولارنى سىستېمىلىق نازارەت قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىسى ۋە بىخەتەرلىك-ئىسخبارات ئىدارىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت تەھدىتلەرنى، خۇسۇسەن چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ شەخسلەرگە قارىتىلغان تەھدىت ۋە قورقۇتۇشلىرىنى تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق مەلۇم قىلىش مېخانىمىزمى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ئادۋوكات يۇناھ دىيامۇندنىڭ قارىشىچە، كانادا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ‍ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوغدايمىز دېسە، مەسىلىنى نوقۇل ب د ت دا ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ب د ت دىكى كاشىلا ۋە ب د ت ئىچىدە خىتاينى قوللاش ھەممە ئىشنى ب د ت غا باغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا، بۇ كانادا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ‍ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئالماسلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ».

كانادا پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 15 خىل تەۋسىيىسى كاناداىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، لاگېرلارنى تەكشۈرۈش، تېخنىكا ئېكسپورت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىش، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسىنى ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتقۇزۇش، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.