كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا «كانادا كوممۇنىزىمغا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى كانادادىكى گۋىللىمبۇرى شەھرى بىلەن شىخەنزە شەھىرى ئوتتۇرىسىدا 21 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى نامىدىن گۋىللىمبۇرى شەھەر باشلىقىغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى خېتىم نارازىلىق خېتى ئەۋەتكەن. ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ نارازىلىق خېتىگە جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا كانادادىكى «كوممۇنىزىمغا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ئەزا بولغان قالغان 6 تەشكىلات ۋەكىللىرى 7-نويابىر كۈنى گۋىللىمبۇرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ، 3-قېتىملىق نارازىلىق خېتىنى تاپشۇرغان. مەكتۇبنى شەھەر باشلىقى ۋىرجىنىيە خاكسوننىڭ ياردەمچىسى تاپشۇرۇپ ئالغان.
گۋىللىمبۇرى شەھەر باشلىقىنىڭ ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن نارازىلىق خېتى ئىككى پارچە بولۇپ، بىرى كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ شەخسىي نامىدىن شەھەر باشلىقى ۋىرگىنىيە خاكسون خانىمغا يېزىلغان. يەنە بىر پارچە خەت «كانادا كوممۇنىزىمغا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىكى» نامىدىن كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىنى قوللاش مەكتۇبى ئىكەن.
ھەر ئىككى پارچە مەكتۇبتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلنىڭ ئاخىرى باشلانغان، 2017-يىلدىن كېيىن جىددىي ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ھەركىتىدە 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ ئۆزىدە 7 ئورۇندا بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كانادانىڭ گۋىللىمبۇرى شەھىرىنىڭ شىخەنزە شەھرى بىلەن «دوست شەھەر» مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا ئەپسۇسلۇق ۋە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مەكتۇبتا شەھەر باشلىقى ۋىرگىنىيە خاكسوندىن ئىككى شەھەر ئوتتۇرسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پىكىررلىرىگە قۇلاق سالمىسا، گۋىللىمبۇرى شەھىرىنىڭ شىخەنزە شەھىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى لازىملىقى چاقىرىق قىلىنغان.
تۇيغۇن ئەپەندى يەنە كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ئۆز ئىمزالىقىدا يېزىلغان خەتنىڭ تولۇق تەپسىلاتى ھەققىدە توختالدى.
7-نويابىر كۈنىدىكى گۋىللىمبۇرى شەھەر باشلىقىغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرۇش پائالىيتىگە قاتناشقان شېڭ شۆ خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا «كانادا كوممۇنىزىمغا قارشى تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ئەزا تەشكىلاتلاردىن «خىتاي دېموكراتلار فېدېراتسىيونى»، «بىر ئاۋاز بىر دۇنيا» تەشكىلاتى، «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى»، «دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى»، «كانادا تەيۋەنلىكلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى»، «شىمالىي كورىيە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى» قاتارلىق 6 تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلىكتە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شەھەر باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا بارغان ئىكەن.
شېڭ شۆ خانىم ئۆزلىرىنىڭ كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، گۋىللىمبۇرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشنى دەسلەپ كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى باشلىغان ئىدى. بىز بۈگۈن تۇنجى قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا كەلدۇق. بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ نارازىلىق خېتىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق. مەيلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز بۇ ئىشقا يول قويالمايمىز. كانادانىڭ بىر شەھىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە 7 ئورۇندا لاگېر قۇرۇلغان بىر شەھەر بىلەن ئۆز-ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ تەپىمىزنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ھالدا بىز بۇ مەسىلىنى تارتقۇلار ئارقىلىق ئاۋامنىڭ مۇنازىرىسىگە قويۇمىز. ئەلۋەتتە، بىز يەنە كانادادا سايلاپ چىقىلغان بىر شەھەر باشلىقىنىڭ كانادا خەلقىنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىرىنىڭ مەيدانى ۋە قىممەت قارىشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ چىقىشى كېرەك دەپ قارايمىز.»
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا تۇيغۇن ئابدۇۋەلى شەھەر باشلىقى ياردەمچىسىنىڭ مەزكۇر خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۇلارغا بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەت ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.