كانادالىقلار «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» نى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.11
paxta-toqumichi ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاختا ئامبارلىرىنىڭ بىرى، 1999-يىلى
Reuters

غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئاچقان پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا ھەقسىز ياكى ئازراق ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنى غەرب بازارلىرىغا سېلىشىغا قارىتا ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسىم ماتېرىيالى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىمكانسىز ئىكەن.

بۇ مەسىلە 10‏-دېكابىر كۈنى كانادانىڭ ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، كانادالىقلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى خىتايدا ئىشلەنگەن پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق ئىكەن. يىغىندا بۇ پىكىرنى ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دەررېن بايلېر ئوتتۇرىغا قويغان. دەررېن بايلېر يىغىندا دوكلات بېرىپ، ئەگەر كانادالىقلار دىققەت قىلمىسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان كىيىم-كېچەكلىرىنى سېتىۋېلىپ كىيىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يىغىندا «مەن خىتايدىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك دىيەلەيمەن. چۈنكى پاختا ماتېرىياللىرىنىڭ زور قىسمى شىنجاڭدىن كېلىدۇ. بىز بۇ ماتېرىياللارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز» دەپ تەكىتلىگەن. دەررىن بايلېر يىغىندا سۆزلىگەن «تېررور كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلارنى ‹قايتا-تەربىيەلەش› ۋە خىتايدىكى بىخەتەر سانائەت رايونى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا يەنە «بېيجىڭنىڭ بىخەتەر سانائەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىپ، خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

«كىشىلىك ھوقۇققا نەزەر: شىنجاڭدىكى تۇتقۇن لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ رىياسەتچىسى، ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق-ئىنسانشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى سكوت سىمون 11‏-دېكابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈنۈگۈنكى يىغىنغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. سكوت سىموننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كارخانىلارنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. لېكىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سكوت سىمون مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېتىشلىق ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ھەر خىل شىركەتلەر بار. بىز چوقۇم قايسى شىركەتلەرنىڭ قانۇنلۇق نورمال شىركەتلەر ئىكەنلىكى، قايسىلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە قانۇنلۇق ئىش قىلىۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلەر ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بار. بىز بۇنىڭدا قانۇنسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان شىركەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردا قۇللار ئەمگىكىنىڭ بار-يوقلۇقى ياكى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ چىقىپ، ئىنتايىن ئاز ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ياكى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەمگەك شارائىتى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇڭا بىز كىملەرنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك رېجىمىنى چۈشىنىشىمىز، قايسىي مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»

كانادادىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە مائارىپ مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىن بۇ مەركەزنىڭ ساھىبخانىلىقىدا شۇنداقلا ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق-ئانتروپولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 11‏-دېكابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا كانادادىكى بەزى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقان.

خىتاينىڭ كانادادىكى ئەلچىخانىسى ئىلگىرى كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ھەر خىل يىغىنلىرىدا كاشىلا چىقىرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن. لېكىن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھېچقانداق كاشىلا قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان لاگېرلارغا ئالاقىدار 403 بەتلىك ۋە 24 بەتلىك مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئالاقىدار ئىكەن. ئۇ بۇ ھۆججەتلەر نۇرغۇن كانادالىقلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ 10‏-دېكابىر كۈنى ئوتتاۋادا ئۇچراشقان سىياسىيون ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور سكوت سىموننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشىغا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەقدىرى تۈرتكىلىك يول ئوينىغانىكەن. سكوت سىمون مۇنداق دەيدۇ: «مەن شەخسەن ئۆزۈم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسىتېت جامائىتى، پۈتۈن كانادا ۋە شۇنداقلا سىياسەتچىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارىدىم. بۇ ئىشتا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئىلمىي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەسىلىسى مېنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مانا بۇ مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە. چۈنكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مىليوندىن، بەلكى 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر قامالغان لاگېرلار ئىنتايىن چوڭ ئىش. مەن بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىشىمىز زۆرۈر، دەپ قارىدىم. سىز تاشپولات تېيىپنىڭ مەسىلىسىنى بىلىسىز، مەن ئۇنىڭ دېلوسىدىن بەك ئەندىشە قىلىمەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى بىردىن-بىر كىشى بولمىسىمۇ، ئەممە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۇق. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلمەيمىز.»

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەمەت توختىمۇ دوكلات بەرگەن. ئۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ يۇرتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. كانادا تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىشىچە، مەمەت توختى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىلغا كۈچ چىقارماسلىقى خىتاينى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى مايكېل كوۋرىگ، مايكېل سپاۋور قاتارلىق ئىككى نەپەر كانادالىقنى تۇتقۇن قىلىشىغا يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.