يېقىندا كانادالىق ئەر-ئايال ئاندىرىيا ۋە گەررىي دىيك كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق بىر يىغىن تەشكىللىگەن ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇلار تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات سۇنغان.
بىز ئۇيغۇر ئېلىدە 2008-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە 10 يىل ياشىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولغان بۇ كانادالىق ئائىلىنى زىيارەت قىلدۇق. گەررىي ۋە ئاندىرىيا دىيك ئائىلىسى دەسلەپكى 5 يىلدا ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئۆگەنگەن. 2014-يىلى تۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ ئورگانىك ئوغۇت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ ئورگانىك ئوغۇت ياساپ، ئۈزۈم سورتىنى ياخشىلاپ مول ھوسۇل ئالغان. ئەمما رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، چەكلىمىلەر، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئۇيغۇرلارغا بولغىنىدەك ئۇلارنىڭمۇ ھاياتىنى قېيىنلاشتۇرغانلىقتىن، 2018-يىلى كاناداغا قايتىپ كەلگەن.
بىز بۇ چەكلىمىلەردە بىر شۇملۇق بارلىقىنى ھېس قىلدۇق
ئاندرىيا: ئۇ يەردە ياشاشنىڭ بىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر ئۈچۈن قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرلەپ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇيغۇرلار ھەتتا بىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈنمۇ لاگېرغا تۇتۇلۇشى مۇمكىنتى. شۇڭا بىز ئەتراپىمىزدىكى دوستلىرىمىزغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇق، ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇش بىزگىمۇ بەك قىيىنغا توختىدى، شۇڭا بالىلىرىمىز ئۈچۈن قايتىپ كېتىشنى قارار قىلدۇق.
گەررىي: 2017-يىلى ھەتتا 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى تەدبىرلەر، يېڭى چەكلىمىلەر چىققىلى باشلىدى. بىر كۈنى بىر كوچىدا يېڭى رىشاتكا پەيدا بولىدۇ، ئۇ كوچىدىن ئۆتەلمەيسىز. بىر كۈنى ساقال قويماسلىقىڭ كېرەك دەيدۇ. يەنە بىر كۈنى يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مەسىلىگە ئايلاندى، ئاندىن نازارەت كامېرالىرى پەيدا بولدى. ھەر بىر يول ئېغىزىدا كامېرا بولۇشى كېرەك، ئاندىن تۇرپان بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا تەكشۈرۈش پونكىتى، تۇرپان بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى پەيدا بولدى. ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە بىر يېڭى نەرسە پەيدا بولدى. بىر، ئىككى بولسا مەيلى ئەمما ھەر ھەپتە، ھەر ئاي، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش بەكلا تەس ئىدى.
ئاندىرىيا: بۇ ئىشلارنى دەسلەپتە كىچىك-كىچىك چەكلىمىلەر بىلەن باشلىدى. بۇلار بىر شۇملۇقنىڭ بېشارىتى ئىدى. چۈنكى بۇنداق ئىشلار ھېچقاچان مەقسەتسىز ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بىز بۇ ئىشلارنىڭ يامانغا قاراپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدۇق.
گەررىي دىك: شۇنداق، بۇلار ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەقسەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر ئوغۇللىرى 18 ياشقا كىرىشتىن قورقاتتى
ئاندرىيا: دەسلەپتە دوستلىرىمىز ‹ئۇلار بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداۋاتىدۇ› دېيىشتى. بىز بۇ گەپكە ھەيران قالاتتۇق. بۇ يەردە ھېچقانداق خەتەر بولمىسا، سىلەرنى نېمە خەتەردىن قوغدايدۇ، دەيتتۇق. شۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر ئىش بولسا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەيتتى. ئىشتىن كېيىن يېرىم كېچىگىچە يىغىنلارغا قاتنىشاتتى، ئۆگىنىش قىلاتتى. بىر دوستۇمنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكى باشلىقلار ئۇلارنى شۇنى قىلمىساڭ «مەكتەپكە» ئەۋەتىمىز، بۇنى قىلمىساڭ «مەكتەپكە» ئەۋەتىمىز، دەپ تەھدىت قىلىدىكەن. كوچىدا ئادەملەر بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇيغۇرلار مەھەللە-كويلارنى چارلاشقا، يېزىلارغا چۈشۈرۈلۈپ باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە قونۇشقا مەجبۇرلاندى، ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئائىلىنى پارچىلىغانلىق. بىر كۈنى مەن تونۇيدىغان بىر ئايال كوچىدا ماڭا ئۇچراپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يولدىشىنى باشقا يەرگە ئىشلەشكە ئەۋەتىۋېتىپتۇ، جىيەنىمۇ ئالدىراشكەن. ئۇ دائىم ئائىلىسى بىلەن بىللە ياشىغاچقا ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ يالغۇز قېلىپ باقمىغانىكەن. ئۇ كۈنى ئۇ دوستۇم يالغۇز قالغان تۇنجى كۈن ئىكەن، شۇڭا مەن كېچىدە ئۇنىڭغا قونۇشۇپ بەرگىلى ئۆيىگە باردىم. چۈنكى مېنىڭ قارىشىمچە ھېچقانداق بىر ئىنسان يالغۇز قالماسلىقى كېرەك (يىغا). مەن بامدات نامازدا ئۇنىڭ يېنىدا بولدۇم. بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتى. ئۇ ۋاقىتتا بىز ئۆيلەردە جايناماز بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق. لېكىن يەنىلا ناماز قىلدۇق. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قورقۇنچلۇق ھايات ئىدى. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ، دەپ شۇنچىلىك ئازابلىنىمەن.
گەررىي: بىلگىنىڭىزدەك دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئوغۇللار ئۈچۈن 18 ياشقا كىرىش يېتىشكەن ئەر بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ ۋە ئوغۇللار ھەممىسى بۇنىڭغا ئالدىرايدۇ شۇنداققۇ؟ ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار 18 كىرسە ئۆزلىرىنىڭمۇ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىدىغىنىنى بىلىدۇ. شۇڭا دۇنيادا پەقەت شىنجاڭدىلا ئوغۇللار 18 ياشقا كىرىشتىن قورقىدۇ. ھەممە كىشى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدۇ، بالىلارمۇ شۇنداق.
ئاندىرىيا: 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چوڭ يول ئېغىزىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ساقچىخانىلارنىڭ قۇرۇلغىنىنى كۆردۇق. 2017-يىلى ئەتىيازدا بىز ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدۇق، بەزى دوستلىرىمىز ئۇ ۋاقىتتا ساقچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئالتە ئادەمنى ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، نورما بار ئىكەن دەيدۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھالەتكە كەلدى. كوچىلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ساقچىلار، ھەر ۋاقىت ساقچى ماشىنىلىرى ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئاندىن دىنىي مۇراسىملار مەسىلە بولۇشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا نورمال ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چەكلەنگەنىدى. بىر كۈنى دوستلىرىم: «ھازىر نان چەكلەندى» دېدى. تالادىكى نان تونۇرلار چېقىۋېتىلدى. كوچىدا كاۋاپ پىشۇرالمايسىز. دائىرىلەر بۇنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى، مۇھىتقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ.
2017-يىلىدىن باشلاپ ھەممە يەرنى ۋەھىمە قاپلىدى
ئاندىرىيا: بىز 2014-يىلى تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان ۋاقتىمىزدا كىشىلەر خۇشال ياشايتتى. ئۇلار ئىنتايىن دوستانە ئىدى، بىزنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلاتتى، بىز باراڭلاردا ئولتۇرۇپ بىرلىكتە غىزالىناتتۇق. ئاياللار مېنى ئۆزلىرىنىڭ چايلىرىغا تەكلىپ قىلاتتى. بىزنىڭ نۇرغۇن ياخشى ۋاقىتلىرىمىز بولغان.
گەررىي: ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتلاردىمۇ بېسىم بار ئىدى، مۇتلەق ئەركىنلىك يوق ئىدى. چەكلىمىلەر بولسىمۇ قاتتىق ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار ۋەزىيەتتىن قاقشاپ قويسىمۇ، يەنىلا خۇشاللىق تاپالايتتى. كىشىلەر ھەرقانداق تۇيغۇدا ياشىيالايتتى. بەزەن ئاچچىقلىنىپ، بەزەن خۇشال بولالايتتى. ئەمما 2017-يىلىدىن كېيىن چەكلىمىلەر قاتتىق كۈچەيدى. ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى، دىنىنى، كىملىكىنى، روھىنى يوقىتىشقا باشلىدى. ئۇلار بۇرۇنقىدەك خۇشال بولالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئورنىنى پەقەت ۋە پەقەت ۋەھىمە ئىگىلىدى.
ئۇيغۇرلار تېررورىست ئەمەس، بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرغانلىق ئەمەس
ئاندىرىيا: ئۇيغۇرلار تولىمۇ مۇلايىم، تولىمۇ سۆيۈملۈك كىشىلەر. بىز ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا، مېھماندوستلۇقىغا ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە ئېرىشتۇق. ئۇلاردا تېررورلۇقتىن ئەسەر يوق. ئۇيغۇرلار مۇلايىم، ئىشچان ۋە ئىلىم-ئەخلاقلىق كىشىلەر. ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى تارتىۋېلىش تېررورلۇققا قارشى تۇرغانلىق ئەمەس. ئەۋلادلارغا ئۆز لىرىكىلىرىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش تېررورلۇق ئەمەس.
گەررىي: ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بولۇۋاتقان ئىشلارنى دەپ كەلسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بىراق بىز ئۇلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.
گەررىي: بىز داۋاملىق ئىنسانىيەتكە، ئىنسانلارغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق. ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن ھاياتىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلىدۇق. ئىشلارنىڭ ئۇ دەرىجىگە كېلىشىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈنمۇ قېيىن بولدى. شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتۇق. بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز.
ئاندىرىيا: مەن ئۇ يەردە ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۇنتۇلماس كۈنلىرى. مەن ئەسلىدە ئىنتايىن خىجىلچان بىرى. ماڭا كامېرا ئالدىدا، كىشىلەر ئالدىدا سۆزلەش ئۇنداق ئاسانغا توختىمىدى. بىراق مەن بۇ يۈز بەرگەنلەرنىڭ مېنىڭ ھېكايەم ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم ۋە بۇنى ئاشكارىلاش نىيىتىگە كەلدىم.
ئاندىرىيا: ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مەن پسىخولوگىيە كەسپىدە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلغان. ھەربىر شەخسنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم. مەدەنىيەت ئامىلى بولسا بىر ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل. مەن ئۇ يەردىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال مانا بۇ ئائىلە ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نەرسىنىڭ زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ بېرەلمەيمەن. چۈنكى بۇ خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا. ئەمما مەن ئۇيغۇرلارغا شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىز سىلەرنى سۆيىمىز. مەن سىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىڭلاردىكى ئۇيۇشقاقلىق ۋە قارشىلىق كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىشىڭلارنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلار ئۈچۈن ياشاشنى داۋام قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.