ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىدىكى كارتون رەسىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ مىئامى شەھىرىدە ئېچىلغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ 2021-يىللىق يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نۇقتىلىق كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى سۈپىتىدە ھەر تەرەپتىن يورۇتۇلدى. شۇنداقلا يىغىن زالىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئالدىغا قويۇلغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش گۈزەل-سەنئەت نامايىش تېمى ئارقىلىقمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

«ئوسلو كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ 2021-يىللىق يىغىنى 4-5-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ داڭلىق دېڭىز بويى ساياھەت شەھەرلىرىدىن مىئامىدىكى «يېڭى دۇنيا» مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسىيونلار ۋە ھەر ساھەدىن ناھايىتى كۆپ ساندا كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي سىياسىي كارتون رەسسامى بادىيو ساۋنىڭ ئامېرىكانىڭ مىئامى شەھىرىدە ئېچىلغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ 2021-يىللىق يىغىنىغا ئەكەلگەن رەسىملىرىدىن بىرى. 2021-يىلى 4-ئۆكتەبىر.
ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي سىياسىي كارتون رەسسامى بادىيو ساۋنىڭ ئامېرىكانىڭ مىئامى شەھىرىدە ئېچىلغان «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ 2021-يىللىق يىغىنىغا ئەكەلگەن رەسىملىرىدىن بىرى. 2021-يىلى 4-ئۆكتەبىر.

«ئوسلو كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى دۇنيا» مەركىزى ئالدىغا، ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي سىياسىي كارتون رەسسامى بادىيو ساۋنىڭ بەش پارچە كارتون سىزمىلىرىدىن تام ياسالغان بولۇپ، بۇ گۈزەل-سەنئەت تېمى يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

كارتون رەسىملەر ئىچىدە، بولۇپمۇ، بىر خىتاي تەنھەرىكەتچىنىڭ ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن كۆك مايكا كىيگەن، كۆزى تېڭىق يۈكۈندۈرۈپ قويۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا مىلتىق تەڭلەپ تۇرغان كۆرۈنۈشى كۈچلۈك دىققەت تارتتى.

بۇ رەسىمدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

ئاۋستىرالىيەدە ياشاۋاتقان خىتاي داڭلىق سىياسىي سەنئەتكار بادىيو ساۋ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مول مەزمۇنلۇق كارتون سىزما ئەسەرلىرى ئارقىلىق، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلگىرى ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەدە كۆرگەزمە قىلىنغانىدى.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىۋاتقان رەسسام بادىيو ساۋ، گۈزەل سەنئەت نامايىش تېمى ئالدىدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بۇ يۈرۈشلۈك كارتون سىزمىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا قانداق سىگنال بەرمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭى ئەسەرلىرىم. مېنىڭچە خىتاينىڭ ئولىمپىكنى تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئولىمپىك ئىنسانلىقنى تەبرىكلەيدىغان مەيدان بولۇشى كېرەك، بىز خىتاينىڭ ئولىمپىكنى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرۈشى ئۈچۈن مونوپول قىلىۋېلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ئولىمپىكقا ساھىبخانىلىق قىلىشىغا پۇرسەت بېرىش نومۇستۇر، بۇ ماڭا خۇددى تارىختىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەسلىتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇنى توسۇپ قېلىشىمىز ئۈچۈن سۆز بىلەنلا ئەمەس ھەرىكەت قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر».

بادىيو ساۋ «نامايىش تېمى» دىكى ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەرلەر چوڭ تەسىر قوزغىدى دەپ ئويلايمەن، يىراقتىن قارىماققا بۇ كارتون رەسىملىك تام خۇددى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىدەك تەسىر بېرىدۇ، يېقىنلاپ كۆرگەندە ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايسىز. نامايىش تېمىدىكى 1-رەسىم خىتاي تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ دۇنيانى قاپلاۋاتقانلىقىنى، 2-رەسىم بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، 3-خىتاينىڭ ۋۇخەندىن دۇنياغا كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى تارقاتقانلىقىنى، 4-رەسىم خىتاينىڭ خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى، 5-رەسىم بولسا تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى تەسۋىرلىگەن. ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ بۇ ئەسەرلىرىمنى تونۇشتۇرۇشقا پۇرسەت بەرگەنلىكى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى».

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نى ئۇيۇشتۇرغۇچى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى گەررىي كاسپاروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش مەقسەت قىلىنغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت ۋە ئىنكاس قوزغىغانلىقىغا بولغان مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز، بۇ گۈزەل سەنئەت نامايىش تېمى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى بىلىشى ۋە بەلگىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتكەنىدۇق. ناھايىتى ياخشى ئىنكاس بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭلا بۇ گۈزەل سەنئەت ئارقىلىق قىلىنغان نامايىشقا پۇرسەت بەرگىنىمىز بىلەنلا بۇ مەسىلىنىڭ ئاڭلىنىشى ۋە ھەل قىلىنىشىغا يېتەرلىك ئەمەس، مەن دۇنيادا بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ مەيدان ھازىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گۈزەل سەنئەت ئارقىلىق دىكتاتورلارغا قارشى نامايىش قىلىشنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئىنتايىن زور ۋە كەڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى گۈزەل سەنئەت-ئەركىنلىك دېمەكتۇر، دىكتاتورلار بولسا ئەركىنلىكتىن بىزار. بىزنىڭ دىكتاتورلارغا قارشى ئىشلىتەلەيدىغان ئۈنۈملۈك قورالىمىز بۇ، يەنى سەنئەت ئارقىلىق بىز دۇنياغا ئۆزگىچە ئىجادىي ئۇسۇلدا سىگنال بەردۇق».

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى گەررىي كاسپاروف ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەنىڭ شاھمات چېمپىيونى شۇنداقلا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك شاھمات چېمپىيونى دېگەن ناملارغا ئىگە. ئۇ تەنھەرىكەت ساھەسىدىن 2005-يىلى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن رۇسىيەدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلغۇچىغا ئايلانغان ۋە ۋاقتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.

«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىللىق يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارغا مۇنبەردە ئالاھىدە سۆز ۋە پائالىيەت پۇرسەتلىرى بېرىلدى.

لاگېردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولات ۋە يەنە روشەن ئابباس، رەيھان ئەسئەت قاتارلىق ئۇيغۇر ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىمۇ يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى ئۇچرىغان زۇلۇملارنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاڭلاتتى.

كارتون رەسسامى باديو ساۋ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەسۋىرلەپ سىزىشىغا مۇشۇلاردەك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى ئىلھام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى لاگېرلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن تەسىرلەندىم، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتكەن ئەسەرلەرنى سىزىشىمغا ئىلھام بولدى. بۇنىڭ ئالدىدا روشەن ئابباس خانىمنىڭ لاگېردىكى ھەدىسى، رەيھان ئەسئەتنىڭ لاگېردىكى ئىنىسى قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزغان ئىدىم. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى سىزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن».

سىياسىي كارتون رەسىملىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان رەسسام بادىيو ساۋنىڭ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەسۋىرلەنگەن كارتون رەسىملىرى فەيسىبوك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس قوزغاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دا نامايان قىلىنغان، خىتاينىڭ 2022-قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانا بولۇشىنى بايقۇت قىلىش تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىمۇ، مەتبۇاتلاردا ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقالماقتا.