ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ كارتونىستى ۋاڭ لىمىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى؟

0:00 / 0:00

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (RFA) نىڭ كارتونىستى ۋاڭ لىمىڭغا تۇزاق قۇرغانلىقى، ھەتتا ئۇنى كامبودژا ۋە تەيۋەنگە ئالداپ ئاپىرىپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغانلىقى يېقىندا ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ «تۆت بۇلۇڭ» پىروگراممىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ جايدا كۆرگۈدەك ھېچنېمە يوق

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىسيانكار مۇچ»، يەنى [«رېبېل پېپپىر» (Rebel Pepper)] نامى بىلەن تونۇلغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ كارتونىست مۇخبىرى ۋاڭ لىمىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت سىزغان سىياسىي خاراكتېرلىك ھەجۋىي رەسىملىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان ئىدى.

mejburiy-emgek-karton.jpg

ۋاڭ لىمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى «چېگرا رايونلارنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش» سىياسىتى نەتىجىسىدە شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەۋەتىلىپ، «تۆۋەنگە چۈشكەن زىيالىي ياش» دېگەن نام بىلەن بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بىڭتۈەننىڭ پولك مەيدانلىرىدا 20 نەچچە يىل ئەمگەك قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىكەن.

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي يۈرگۈزۈۋات كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، باستۇرۇش، قايتا تەربىيىلەش سىياسىتى ۋە خالىغانچە قامىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزگەن قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرى يۈز بەرمەكتە.

كېيىنچە ئۇ خىتايدىن ئايرىلىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغان، شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا كارتونىست مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، ئۇنىڭ ھەجۋىي رەسىم تېمىسىنى بۇ نۇقتىغا قارىتىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنى ئىنتايىن جانلىق ۋە ئوبرازلىق ھەجۋىي رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلەپ، تاراتقۇ ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان.

بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
بۇ كارتوندا، 22 دۆلەت ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش توغرىلىق ئىمزا توپلىغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ 37 دۆلەتتىن قارشى قارشى ئىمزا توپلىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. (RFA)

ۋاڭ لىمىڭ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ تۇزىقىغا ئۇچراش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ كارتون ئىپادىلىنىشى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھەجۋىي رەسىملىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۈشمەن» ى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە «ئىسيانكار مۇچ» تەخەللۇسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئىسيانكارلىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىز شادىيەنىڭ كارتونىست ۋاڭ لىمىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىلەر.