كارخانىچى ئېلىجان ئىسمائىل 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە زاكات بەرگەنلىكى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

ئىنكاس قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ساداقەت بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساھىبى ئېلىجان ئىسمائىل، «قانۇنسىز ساياھەت قىلىش» ۋە «قانۇنسىز خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى» سەۋەبلىك، 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 2018‏-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە زاكات بەرگەنلىكى ۋە زاكاتنى تاپشۇرۇۋالغان كىشىلەر ئىچىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭمۇ ئائىلە تاۋابىئاتى بولغانلىقى ئۈچۈن «مىللىي بۆلگۈچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 2010‏-يىللاردا ئۈرۈمچىدە قەد كۆتۈرگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىن بىرى شىنجاڭ ساداقەت بىئو-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ساھىبى ئېلىجان ئىسمائىل بولۇپ، ئۇ 2017-يىلى قازاقىستاننى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئەسلىدە 1990‏-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قېتىم «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان ئېلىجان ئىسمائىل 2017‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا «قارا تىزىملىك» كە چۈشكەن. نەق «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغان مەزگىلىدە قازاقىستانغا ساياھەتكە چىقىشى، ئۇنى پايلاۋاتقان ساقچىلارنىڭ گۇمانىي تۇيغۇلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. سوراق جەريانىدا چەت ئەلدە باسقان ھەر بىر قەدەم ۋە ئۇچراشقان ھەر بىر ئادەم ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئېلىجان ئىسمائىل، چەت ئەل سەپىرىنىڭ سورىقىدىن نىسبەتەن مەسىلىسىز چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدىكى سوراقتا، گۇماندىن قۇتۇلۇش يولى تاپالمىغان.

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇ تىجارىتىنى 2000‏-يىللاردا مارالبېشىدا باشلىغان بولۇپ، 2008‏-يىلى شىركىتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەن. سودىسىنى باشلاش بىلەنلا تىجارىتىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ كېلىۋاتقان ئېلىجان، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۆزىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم ياش كارخانىچىلار بىلەن دوستلىشىپ، ئۇلارنىمۇ تىجارىتىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشقا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشسىز قېلىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قىلىشقا يېتەكلىگەن.

سوراق جەريانىدا، ئۇنىڭ بۇ دوستلار توپى «مىللىي بۆلگۈنچىلەر گۇرۇھى» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ياردەم قىلغان كىشىلىرى سۈرۈشتە قىلىنغان. بۇ تەكشۈرۈشكە مارالبېشى ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە مارالبېشى بازارلىق ساقچىخانىسىمۇ ئىشتىراك قىلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر بازارلىق ساقچىخانا خادىمى، ئېلىجان ئىسمائىل ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ قانۇنسىز پۇل توپلاش ۋە پۇل تارقىتىش قىلمىشى بايقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل ۋە دوستلىرى 2014‏-يىلدىن بۇيان 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە زاكات بەرگەن. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىدە زاكاتنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ھەرقانداق بىر كىشىگە ھەرقانداق مىقداردا پۇل ياردەم قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى مەلۇم بولغان. مەزكۇر ساقچىنىڭ دېيىشىچە، 2017‏-يىلنىڭ ئاخىرى ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ دوستلىرىدىن 20 چە كىشى تۇتۇلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىرسى تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل ئۇ سودىسىنىڭ نىسبەتەن چوڭلۇقى، سىياسىي تارىخىدا چېكىت بولغانلىقى سەۋەبلىك، جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلغان. ئۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى نىسبەتەن بىخەتەر دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ مىللىي مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ جەھەتتە ئادا قىلىشقا تىرىشقان. ئەمما 2016-يىللىرى زاكات چەكلەنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا «ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش» تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئېھتىيات بىلەن باسقان قەدەملىرى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئۆزگىرىپ، يېشى 40 قا يېقىنلاشقاندا ۋە سودىدا ئىشلىرى ئىلگىرىلەۋاتقان مەزگىلىدە پۇت-قولى كىشەنلەنگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، ئېلىجان ئىسمائىل 2018-يىلنىڭ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرلىرى كېسىۋېتىلگەن.

مارالبېشى بازىرىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ «قانۇنسىز توپلانغان پۇللارنى ساقلىغان ۋە تارقاتقان» لىقى ئۈچۈن 18 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلغان 20 دەك كارخانىچى دوستىنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.