مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان ئۆزگەرتىپ قۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تارىخنىڭ كۆپلىگەن «ئاق داغلىرى»، يەنى سىرلىرى ئېچىلغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە بولغان بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلغان تەقىبلەر ئەلنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسقا ئېلىپ كەلدى.
1997-يىلى قازاقىستاننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ «1997-يىلنى ئومۇمىي مىللىي رازىمەنلىك ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان سىياسىي تەقىب توغرىلىق ئاشكارا ئېيتىش، قانۇنسىز تەقىب قىلىنغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئوخشاش ئىشلار قولغا ئېلىندى. شۇنىڭدەك مەخسۇس پەرماننىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى 31-ماي كۈنى سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنە بولۇپ قالدى.
ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يېزا-مەھەللىلەردە سىياسىي تەقىبلەش قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ تىزىمدىن، ئەلۋەتتە، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىدە، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ بولۇپمۇ ئەمگەكچىقازاق ۋە ئۇيغۇر ناھىيەلىرىدىكى يېزىلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئاممىۋى قىرىش ۋەقەسىمۇ ئورۇن ئالغانىدى. بۇنىڭغا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىسىيانكارلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولغانلىقى سەۋەب بولغان.

بۇ يىل 31-ماي كۈنى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام ۋە لاۋار يېزىلىرىدا سىياسىي تەقىب قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنىگە بېغىشلانغان يىغىنلار ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنلارغا ناھىيەنىڭ ئىچكى سىياسەت، مەدەنىيەت، تىللارنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تەنھەرىكەت بۆلۈمى، يېزا رايونلىرىنىڭ ھاكىملىرى، شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە بۇ قانلىق ۋەقەلەرنى ۋە بىگۇناھ قۇربان بولغانلارنى ئۇنتۇماسلىق لازىملىقىنى، بارلىق ئازاب چەككەنلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىز 1918-يىلى ئەڭ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن قورام يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، شائىر ئەكرەم سادىروف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ شۇ يىلى تىنچ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇرايېف قوماندانلىقىدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىنىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇرايېفنىڭ جاللاتلىرى يېڭىشەردىن تارتىپ چېلەككىچە بولغان كەنتلەرنى ئارىلاپ، ئاددىي خەلقنى ئېتىپ، قانغا بوياپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان قورام خەلقى، يۇرت چوڭلىرى غۇلجا يولى بويىدىكى لاۋارغا توپلىنىپ، قازان ئېسىپ، ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ. كۆزلىرى قانغا بويالغان جاللاتلار تاماقنى خەلققە يېگۈزۈپ، چوڭ مال قورۇسىغا سولايدۇ ۋە پىلىموت بىلەن قىرىپ تاشلايدۇ».
ئەكرەم سادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى قورام بولۇسىدىكى 17 يېزىنىڭ ئاھالىسىنى ھەر خىل ھىيلە يوللىرى بىلەن يىغىپ، 17 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنى، شۇ جۈملىدىن قورام مەدرىسىسىنىڭ 300 گە يېقىن تالىپلىرىنى ئېتىپ تاشلىغان.
ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ يەنە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن تاشتىقارا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى نۇربۈۋى كېرىمقۇلوۋا خانىم سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ۋەقەدە بوۋىلىرىنىڭ ھالاك بولۇپ، بۇ ھەقتە ئانىسىنىڭ ھېكايە قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلىدى.
زىيارىتىمزنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم 1917-يىلى رۇسىيەدە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تېررىتورىيەلەردە ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈزى بەرگەندىن كېيىن، كوممۇنىستلار تىكلىگەن سوۋېت ئېلىدە بىر نەچچە قېتىم ناھەق ئەيىبلەش، سوتسىز تۈرمىگە قاماش ياكى سۈرگۈن قىلىش، ئېتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ 1937-1940-يىللىرى مۇنداق ئىشلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئىستىسنا قالمىدى. خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان كۆرۈنەرلىك دۆلەت ۋە پارتىيە ئەربابلىرى، ئالىملار، يازغۇچىلار، داڭلىق ئىشچى ۋە دېھقانلار ۋە باشقىلار >خەلق دۈشمىنى< دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ، ھەر تۈرلۈك جازالارغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سىياسىي تەقىبلەرنى تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى 1918-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر زۇلۇم-كۈلپەتلەر مۇشۇ كۈنگىچە سىر بويىچە قالماقتا. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئالىملىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، ئايرىم كىشىلەر بۇ يۆنىلىشتە خېلى ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئېنىقلانمىغان پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. بولۇپمۇ ئارخىپلاردا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ، شۇلار بويىچە جىددىي ئىشلەش لازىم».
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ لاۋار يېزىسىدىكى ئەنە شۇ «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلانغان يادىكارلىق 1995-يىلى سابىق چېلەك ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىمىنجان ناسىروفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بەرپا بولغان. بۇ يادىكارلىق رەسسام-ھەيكەلتاراش رۇستەم شەماخۇنوفنىڭ لايىھەسى بويىچە يېڭىچە قەد كۆتۈردى. قورام يېزىسىدىكى يادىكارلىق بولسا، 1993-يىلى پېداگوگ-رەسسام، مەرھۇم دىئاس قۇربانوفنىڭ لايىھەسى بويىچە ئورنىتىلغانىدى.