دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 28-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ 2022-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرمىگە قاماش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە مەھرۇم قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
415 بەتلىك دوكلاتتا دۇنيادىكى 154 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 2021-ۋە 2022-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقان. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە قورقۇتۇلغان، ئادالەتسىز سوتلانغان، خالىغانچە، خەۋەرسىز، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغان، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن قىيىن-قىستاق ۋە خورلاشقا ئۇچرىغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا سىياسىي مېڭە يۇيۇش، خالىغانچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردى. مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلدى.»
بۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدۇ» دەپ جاكارلىغاندىن بېرى، بۇ خۇلاسىنى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىغا كىرگۈزۈشىدۇر. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كالامارد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا يىتەرسىز قېلىشى تېخىمۇ چوڭ مۇقىمسىزلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئاگنېس كاللامارد دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 28-مارت جەنۇبىي ئافرىقانىڭ جوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزۈمنى ئالدى بىلەن 2021-يىلنىڭ كۆپ قىرلىق مەركىزى نۇقتىسىدىن باشلاي. ئەسلى 2021-يىلى يارىلارنى ساقايتىدىغان، قايتا ئەسلىگە كېلىدىغان بىر يىل بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە 2021-يىلى تېخىمۇ چوڭقۇر باراۋەرسىزلىك ۋە تېخىمۇ چوڭ مۇقىمسىزلىقنىڭ پىلتىسىغا ئايلىنىپ، كېلەچەك يىللار ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەتلىك بەدەللەرنىڭ ئاساسىنى سېلىپ قويدى».
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «2022-يىلنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئېيىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەر 2021-يىلى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىنغانلىقى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك نېمە ئىشلارنىڭ قىلىنمىغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى» ئىكەن.
كاللمارد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2021-يىلى دۇنيادا توقۇنۇش، قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مۇساپىرلارنىڭ قېچىشى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش كۈچەيگەن بولسىمۇ، بىراق دۇنيا دۆلەتلىرى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئالمىغان.
ئاگنېس كاللامارت: «سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بىخەتەرسىزلىك كېڭىشى، دەپ ئاتاش توغرا. ئۇ قايتا-قايتا بىرمىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى ئىگىلىشى، سۈرىيەدىكى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش، ئىسرائىل-پەلەستىن توقۇنۇشىغا چارە قوللانمىدى. ئۇ ھەرىكەت قوللانمايلا قالماي، باشقا خەلقئارا ئورگانلارنىمۇ نومۇسسىزلارچە پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، شۇنداقلا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە يىتەرسىز قالدى» دەپ كۆرسەتتى. كاللامارد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت ۋە دۇنيادىكى رەھبەرلەر ئىنسانىيەت ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر كرىزىسلارغا دۇچ كەلگەندىمۇ، تەدبىر قوللانمىغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يۈرگۈزگەن. دوكلاتتا: «بۇ سىياسەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆپ جەھەتلەردىن خىلاپلىق قىلىشىنى، يەنى بۇ: ئەركىنلىك، شەخسى بىخەتەرلىك، شەخسى مەخپىيەتلىك، يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، پىكىر، ئىپادە، ئويلاش، ۋىجدان، دىنىي ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قاتنىشىش، تەڭ باراۋەرلىك ھەم كەمسىتمەسلىككە خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «بۇ خىل خىلاپلىق قىلمىشلىرى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھالغا كەلگەن».
لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ قايتا تەكىتلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى 29-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىشتا بىر ئاز رېئاللىققا يېقىنلاشقان.»
مەمەت توختى يەنە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى باستۇرۇشلار ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەۋجۈتلۇقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى بىرەر قۇر ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى»، ئەمدىكى نىشانىنى «مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خىتاي نوپۇسىنى جەلپ قىلىدىغان بىر ئىقتىسادىي مەركەز بەرپا قىلىشقا قاراتقانلىقى» نى بىلدۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى 12-ئايدا جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقى ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭ «جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكى» نى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن «شىنجاڭدا تۇتقۇندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ياكى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقى» نى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى داۋاملىق خەۋەر قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2019-يىلدىن 2021-يىلغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بولمىدى دېگەندە تۈرمىگە قاماش ياكى ئەركىنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە مەھرۇم قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت يەكۈن خاراكتېرلىك دەلىللەرنى توپلىدى» دېيىلگەن.