خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، 156 دۆلەتنىڭ 2022-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئۆتكەن بىر يىلنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە توقۇنۇشلار ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەۋقۇلئاددە پاجىئەلەرگە تولغان بىر يىل بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دوكلاتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا قاتتىق دەخلى تەرۇز قىلىش ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەركىنلىكنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مۇستەبىت بىر دۆلەت قاتارىدا ئەيىبلەنگەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى مەخسۇس بۆلىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان.

ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ يوقىتىلىش خەۋپىگە ئۇچراتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۈچىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ بېكىتىلىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىپ ماڭغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر يەر ئالغان.

دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى OHCHR نىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى تەپسىلىي قەيت قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، ئاياللارنى خورلىشى ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشى قاتارلىقلار خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن».

دوكلاتتا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ بۇ دوكلاتنى كېچىكىپ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2022-يىلى مايدا ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتنى باستۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، جۈملىدىن خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بۇ دوكلاتنىڭ نەشر قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۆز سىياسىتىگە قارشى پىكىردىكى پۇقراۋى مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنى داۋاملىق تۈرمىگە تاشلىغان. قولغا ئېلىنغانلار قاتتىق شارائىتتا تۇتۇپ، قىيناش ۋە باشقا ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان» دەپ تەنقىد قىلىنغان. بۇنىڭدا باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، مەخپىي سوتلىنىش، قولغا ئېلىنىش جەريانلىرىدا قىيىن-قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ھەقىقدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

2022-يىلى خىتاينىڭ نۆل كوۋېد سىياسىتىدە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ۋە يېتەرلىك يېمەكلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقى، ھەتتا ئۆلگۈچىلەر سانى ھەسسىلەپ ئاشقانلىقى، بولۇپمۇ مەجبۇرىي كارانتىن قىلىشقا چېتىشلىق «نۆل كوۋىد سىياسىتى» نىڭ ئادەم ئۆلۈشتەك پاجىئەلەرنى، ئاخىرىدا يەرلىك نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە خىتايدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى Covid-19 چەكلىمىسى جەريانىدىكى باستۇرۇشلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا نىشانلىق ھالدا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان توپلۇق ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭدا «11-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ) نىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدا يۈز بەرگەن ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلغان. بۇ ئوت ئاپىتىدىن ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلىرى كەم دېگەندە 20 شەھەرگە تارقالغان. دائىرىلەر قۇلۇپلانغان ئىشىكلەرنىڭ ئاھالىلەرنىڭ قېچىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان، ئەمما بۇ ۋەقەدىن كېيىن Covid-19 چەكلىمىسىنىڭ بوشىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە «ھۆكۈمەت ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تەھدىت سالغان» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساس قىلغان خىتايدىكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان جايلاردا سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ باستۇرۇشلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن ناملاردا داۋاملاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىز خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد (Alkan Akad) بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئادەتتە ھەر قانداق جايدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا جىددىي دەپ قارايمىز. ئەمما بىز ئىگىلىگەن ناھايىتى كۆپ دەلىللەر ۋە ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار بىردەك ئېتىراپ قىلىپ ئېلان قىلغان دوكلاتلارھەمدە ئاخباراتلاردا تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھازىرمۇ يەنىلا داۋام قىلماقتا. ئۇلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى بوغۇش سىياسەتلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش يەنىلا داۋام قىلماقتا. قورقۇنچلۇق جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت بولۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، سىياسي ۋە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن داۋاملىق تۇتقۇن قىلىش داۋام قىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشاشمۇ ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا. بىز دوكلاتىمىزدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق دوكلاتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشتىكى سەۋەبىمىزمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئالاھىدە مۇھىم دوكلاتىنى رەت قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە كۈز يۇمالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئۈچۈندۇر. يەنى ئۇلارنىڭ خىتايغا قارىتا ب د ت نىڭ دوكلاتىدىكى كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىشتا بېسىم ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن رەسمىي ھەرىكەت قوللىنىشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كۆرسىتىشتۇر.»

ئالكان ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتىلىدىغان پراكتىكا لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان ئەر-ئاياللارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇلارغا خاتىمە بېرىش مەسئۇلىيىتى ۋە مۇمكىنچىلىكى بار. ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت بارلىق ئەيىبلەشلەرنى دەرھال تەكشۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانىدى. بىزمۇ ھەم ئۇيغۇرلار يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ باستۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى رەسمىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدۇق. خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىىشى ۋە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىشى لازىم.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە خىتايدىكى مەۋجۇت بولۇۋاتقان يۇقىرىقى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق نىشانلاپ، ھەرقايسىي ھۆكۈمەتلەرگە چەت ئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئالكان ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەشنىڭ تەخرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چەت ئەللەردە خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبۇريىتى بار. بىز دوكلاتىمىزدا، تۆت نەپەر ئۇيغۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ۋە يەنە ماراكەشتە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر لايىھەلىگۈچىسى ئىدرىس ھەسەننىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار، شۇنداقلا تايلاند، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش تەھدىتتە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقدە تەپسىلىي توختالدۇق. بىز بۇلارنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىققا دائىر خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدۇق. بىز بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتتە كانادانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان يۇقىرىقى ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرى، شۇنداقلا چەت ئەللەردە خىتاينىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۈزىتىمىز.»

ئالكاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇستەقىل ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە تەتقىقاتلىرىدىن باشقا يەنە ب د ت، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەمىنلىگەن دوكلات-خەۋەرلەر ھەمدە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى، خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلار بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس زىيارەتلەر قاتارلىق كۈپ خىل، كۆپ مەنبەلىك دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسلانغان ئىكەن.

دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئوكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى، تۈرلۈك سىياسىي، ساغلاملىق كىرىسلىرى، تەبئىىي ئاپەتلەر ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆزىگە ماھىل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئىلگىركىدەك جىددىي ئىنكاس قوزغىيالمايۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلات، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتە يەنە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوق قۇرۇلۇشنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ: «مانا مۇشۇنداق خەلقئارالىق نوپۇزغا ئىگە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دېدى.