خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) يېقىندا «دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» ناملىق 408 بەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيادىكى 149 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق يۈزلىنىشىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتايغا ئوخشاش بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كورۇنا ۋېرۇسى تارقىلىشىنى كونترول قىلىش باھانىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى سادىر قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2020-2021 يىللىرى خىتاي دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھەر تەرەپلىمە زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ئورگان ۋە شەخسلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، 2020-يىلى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا قاتمال سىياسىي ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆردۇق.»
دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدە يېزىلغان بۆلۈمىدە باشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندىن باشلانغان كورۇنا ۋىرۇسى ھەققىدە سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى يوشۇرغانلىقى، كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس توختالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە، ئاشقۇنلۇققا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشى ئەيىبلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تۇغدۇرغان قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە مېڭە يۇيۇش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئالكاد ئەپەندى بۇ دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بىرى سىسىتېمىلىق ھالدا مىللىي ۋە دىنى كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر رايونى پۈتۈنلەي ‹ساقچى رايونى› ئايلاندۇرۇلدى. مىليوندىن ئارتۇق كىشى لاگېرلارغا سولاندى. بىز ‹خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن لاگېرلارغا سولانغان مىڭلارچە كىشى ھەققىدە گۇۋاھلىقلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ئىسپاتلار بىزنىڭ تەييارلىغان دوكلاتلىرىمىزنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ياكى يېڭىلاش ئىشلىرى ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، خىتاي چېگراسى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. ھەتتا بىز تاپشۇرۇۋالغان گۇۋاھلىقلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كونسولخانا ۋە ئەلچىخانىلىرى چەت ئەللەرددە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پاسپورتىنى يېڭلىماقچى بولسا خىتايغا قايتىشى كېرەكلىكى، چەت ئەللەردە ھەرقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە سۆزلىمەسلىكى ھەققىدە تەھدىت سالغان.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كونسۇلخانا ۋە ئەلچىخانىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ۋە باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىنى نىشانلىغان. چەت ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتكەن تۇغقانلىرى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھاياتلىق ئىسپاتى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى چەت ئەللەردە ياشايدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، ئۇلاردىن كىملىك نومۇرى، تۇرۇشلۇق ئورنى، پاسپورت سۈرىتى، ئايالى ۋە ياكى يولدىشىنىڭ كىملىكى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ۋە جاسۇسلۇق قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ قايتا-قايتا تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان.
ئالكان ئالكاد ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق تاغدەك ئىسپاتلار ئالدىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى، كېيىنچە ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دېدى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، توپلانغان گۇۋاھلىقلار، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى كېڭەيتىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى داۋاملىق قانۇنسىز تۇتۇۋاتقانلىقىدەك ھەقىقەتنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.»
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان خىتايدا تۇرۇشلۇق چەت ئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىش، ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك ۋە ياكى ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىق چەكلەش قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مېتالى جەيىن خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئورۇندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئاۋاز بولدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى. بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىنسانلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەگەر بىز بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلمىساق، تارىخ بىزنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشمىغانلىقىمىزنى يازىدۇ.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلۋاتقان بولۇپ، ئىمىنجان سەيدىن، ئەكبەر ئەسەت ۋە ماھىرە ياقۇپ ھەققىدە مۇراجىئەتنامە چىقارغان. ئىمىنجان سەئىدى مۇراجىئەتنامە چىقىرىلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئۇلار يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك پارچىلانغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلغان.
ئالكان ئالكاد ئەپەندى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلارنى توپلاپ، تەكشۈرۈشىمىزنى داۋام قىلىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ خىتايدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: «بىرسى بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغانلارغا دىققەت قىلىڭلار. بىز چىقارغان بەزى شەخسلەر ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇش ئارقىلىق خىتايغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشىنى مۇشۇنداق شەخسلەر ئارقىلىق بىردىن-بىردىن قىلغىنىمىز ياخشى. يەنە بىرسى بولسا مەن ھېچكىمنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشكە چاقىرىق قىلالمايمەن، چۈنكى ھەممەيلەننىڭ ئائىلە ئەزالىرى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ نۆۋەتتە ئاشۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا دىققەت تارتىشىمىز كېرەك.»
مېتالى جەيىن خانىم ئاخىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ، لېكىن ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى كەسكىن بولۇش. قانۇنىي جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›، ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ھەققىدە قارار چىقارغاندا كەسكىن بولۇش كېرەك. بىز ھەقنى سۆزلەشتىن قورقماسلىقىمىز ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەرنى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.»
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد مۇنداق دېگەن: «بىز بىر ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىمىز. بىز ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان كىشەنلەرنى ئېلىۋىتىشىمىز، باراۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەتنى ئاساس قىلغان دۇنيانى قايتىدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.»