خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 10-ئىيۇن كۈنى «بىز گويا ئۇرۇش مەيدانىدىكى دۈشمەندەك بولۇپ قالدۇق-خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرى» ماۋزۇلۇق بىر مۇھىم دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلات تېخى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغان شاھىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق كىشىنى زىيارەت قىلىش، تەتقىقات ماتىرىياللىرىنى يىغىش ۋە سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىسپانچە، ھىندونىزىيەچە، ئەرەبچە، خىتايچە قاتارلىق جەمئىي 13 خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان.

تېخى يېقىندا ئاياقلاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» دە ھەرقايسى شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىكى قورقۇنچلۇق رېياللىقلار دۇنيانى لەرزىگە سېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايەن قىلدى.
10-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى زور كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا خورلىغان، ئىنسانلار تارتىۋاتقان زۇلۇم ئىنتايىن ئېغىر ۋە ئۇ ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قوللانغان، تەنقىدلەرنى جىمىقتۇرۇپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەرىكەت قوللىنىشتىن چەكلەشكە ئۇرۇنغان. بىراق، بۇلار ھەقىقەتنى يورۇقلۇققا چىقىرىشتىن توسۇپ قالالمىدى.»
ئۇ يەنە ئۆتكەن 20 ئاي جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار نەتىجىسدە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، دەپ خۇلاسە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقان يولى تېرورلوق تەھدىتىگە قارىتا قانۇنلۇق ئىنكاس قايتۇرۇش بولماستىن، بەلكى كوللېكتىپ ھالدا رايوندىكى خەلقلەرنىڭ دىننىي ئېتىقادى ۋە تۈركى-مۇسۇلمانلىق ئېتنىك مەدەنىيەت كىملىكى ھەمدە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتېئىستىك كۆز قاراشلارنى دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئورنىغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش بىر تىلغا، مەدەنىيەتكە ئىگە ھەم خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە ھەر دائىم سادىق بولىدىغان بىرلىككە كەلگەن خىتاي مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان،» دېيىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللاماردمۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان ئورۇنلار ئەمەلىيەتتە جازا لاگىرلىرى بولۇپ، بۇ جازا لاگېرلىرى سىستېمىسى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشتەك زور ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى. شىنجاڭدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق كۆزىتىلىدىغان ئاھالىلەر بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ، بۇ توپقا تەۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى توپلىغان،» دەپ تەكىتلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش مەسلىھەتچىسى جوناتان لوبنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگان دوكلات ئۈچۈن 100 دىن ئوشۇق كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە 55 نەپىرى لاگېردا يېتىپ چىققان شاھىتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغان شاھىتلار ئىكەن. دوكلات پەقەتلا ئۆتكەن 4 يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، قېيىن-قىستاق يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىشتەك زىيانكەشلىكلىرى خاتىرىلەپلا قالماي، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاستىلىرى ئۈستىدىمۇ نوقتىلىق توختالغان ئىكەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار مىسال كۆرسىتىلگەن: «بىز زىيارەت قىلغان 55 نەپەر لاگېر شاھىتىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان ھەرىكەتلەر، ئادەتتىكى ئىشلار تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىنغان. . . رەسمىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەر ۋە بايانلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، لاگېرلاردىكى كىشىلەر ‹ئىختىيارىي› كەلگەن بولۇپ، جىنايەتچى بولمىغاچقا، ئۇلارغا جىنايىي ئىشلار قانۇن تەرتىپىنى قوللىنىش نامۇۋاپىق ئىكەن، ھالبۇكى، بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنغان گۋاھلىقلار ۋە باشقا دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىدىكى، لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلەر بولمايلا قالماي، ئۇ يەردىكى شارائىتلارمۇ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى خورلىغانلىق قىلمىشى بولۇپ ھېسابىلىنىدۇ.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش خىزمىتىگە بىۋاستە قاتناشقان ئايمان ئىسىملىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ بايانىغا يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن قانداق ئېلىپ كەتكەنلىكى، تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ بۇ ئىشتا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن شۇ يەردە ئىدىم. . . ساقچىلار كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى. . . ئۇلارنىڭ قوللىرى كەينىگە قايرىلىپ، كويزا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلەتتى. . . ھېچكىم قارشىلىق كۆسىتەلمەيتتى. بىر توپ ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆيىڭىزگە كىرگىنىنى، قولىڭىزغا كويزا سالغىنىنى ۋە بېشىڭىزغا قارا خالتا كىيدۈرگىنىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بۇ ناھايىتىمۇ قورقۇنچلۇق. . كېيىن مەن يىغلىدىم. . . شۇ كۈنى بىز 60 كىشىنى تۇتۇپ كەلدۇق. . . بۇ پەقەت بىرلا رايوندا تۇتۇلغان كىشىلەر بولۇپ، يەنە باشقا جايلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتاتتى، ئۇلار ھەر كۈنى ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنى تۇتاتتى».
دوكلاتتا زىيارەت قىلىنغان باشقا نۇرغۇن گۇۋاھچىلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن، ئېغىر ۋە ئوچۇق-ئاشكارا كەمسىتىش سىياسەتلىرى، لاگېر ئىچىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قېيىن-قىستاق قاتارلىقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايانلىرى دوكلاتتا تەپسىلىي ئورۇن ئالغان.
دوكلات ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، ب د ت خەۋپسزلىك كېڭىشى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، ب د ت سېكرىتارى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەكلىپ-چاقىرىق قىلىنغان.
ئاخىرىدا ئۇلار «خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال بارلىق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىشى، لاگېرلاردا ياكى تۈرمە قاتارلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنى خەلقئارادا قوبۇل قىلىنغۇدەك ئىشەنچىلىك ۋە يېـتەرلىك پاكىتى بولمىسا قويۇپ بېرىشى كېرەك. بۇ دوكلاتتا ھۆججەلەشتۈرۈلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن مۇستەقىل ۋە ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ …بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ياكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇستەقىل خەلقئارالىق مېخانىزىم قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى جىنايەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا تەكشۈرۈشى ۋە باشقا جىددىي كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقى ۋە خورلاش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان گۇماندارلارنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك،» دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى دەرھال تاقاپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال ئازاد قىلىشقا، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ھۇجۇمىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا ۋە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دەرھال تەكشۈرۈش مىخانىزىمى تەشكىللەپ، جاۋابكارلىقى بارلارنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز.»
160 بەتتىن تەركىب تاپقان مەزكۇر دوكلاتتا بارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، لاگېرلارنىڭ ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان قېيىن-قىستاقلار تەسۋىرلەنگەن سىزما رەسىملەر ۋە سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان زور ھەجىملىك مۇھىم دوكلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.