تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى خىزمەت پىلانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغانلار ئىچىدە تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار، تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ياكى پەرزەنتلىرى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن. بۇلارنىڭ پاش بولۇشى، جازا لاگېرلىرىنىڭ تۈرك ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2023-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ھازىرلىق خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىپ كېتىشىمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقنىڭ كۈچىيىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولماقتا. شۇڭلاشقا كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە قۇرۇلغان بەزى سىياسىي پارتىيەلەرمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرمەكتە. بۇلاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2019-يىلى قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ خىزمەت پىلانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «تارىختا شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېيىلىۋاتقان بۇ جايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. پارتىيەمىز خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن خەلقئارادا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا دىپلوماتىك جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ».

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تاشقىي سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىت ياردەمچى ئەپەندى ئۆز پارتىيەسىنىڭ خىزمەت پىلانىدا «كېلەچەك» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن تۈركىيەدىكى تۇنجى سىياسىي پارتىيە ئىكەنلىكىنى، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا قويۇپ ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ھەر كۈنى ۋەزىيەتكە قاراپ تۇرۇپ ئۆزگىرىدىغان سىياسەت ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسى پارتىيەمىزنىڭ پرىنسىپلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارتىيەمىزنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ كىرگۈزدۇق.»

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سابىق باش ئەلچى ئۈمىت ياردەمچى ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «‹كېلەچەك› پارتىيەسى ئەمدىلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىردۇق. ‹خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋەتسۇن› دېگەن تېمىدا ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 100 مىڭ ئىمزا يىغىپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. بىز ھاكىمىيەتنى قولغا ئالساق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.»

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ خىزمەت پىلانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىرگۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئەگەردە «كېلەچەك» پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، بۇ دېگەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە ھازىرچە جاۋاب بېرىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن رەئىسى ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر 2023-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.