«كېلەچەك» پارتىيەسى ئەردوغاننى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولغان 20 سىياسىي پارتىيە بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىق ھەققىدە قارار ماقۇللاپ بايقۇت قىلىشقا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قاتناشماسلىققا چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان: «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولغان خىتاي ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. خىتاي بۈگۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيدانغا كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 21-ئەسىردە خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرلارغا سولاش، ئىسكەنجە، قىيناش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە تۇغماس قىلىشتەك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە».

«كېلەچەك» پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بۇ چاقىرىق خېتىدە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىككە قارشى قارار قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ مۇنۇلار يېزىلغان: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە ۋە لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىز تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممە بىردەك شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خىتاينىڭ دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىنى ئالدى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سابىق پارلامېنت ئەزاسى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز كېلەچەك پارتىيەسى تۈركىيەدە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە 20 پارتىيەگە ئوچۇق خەت ئەۋەتتۇق. بۇ خەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش تارىخىنى يازدۇق. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. غېرىب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى جازالاش ئۈچۈن قانۇن قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، پارلامېنتلىرىغا قانۇن لايىھەسى سۇنۇۋاتىدۇ. بىز بۇلارنى كۆرۈپ تۈركىيەدىكى 20 پارتىيەگە خەت ئەۋەتتۇق، بۇ پارتىيەلەر بىزنى قوللاپ بۇ خەتكە قول قويسا بىز بۇ خەتنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلماقچى».

«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدىكى شۆبىسىنى، تۈركىيە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىمىز».

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا بىنائەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارار ماقۇللىنارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بار، بارلىق پارتىيەلەر بۇ مەسىلىدە ھەمپىكىر بولۇپ دۇنياغا چاقىرىق قىلىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ بايقۇت قارارىنى قوللىشى كېرەك. بۇنداق بولغان تەقدىردە پارلامېنتتىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئاسان بولىدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش بوۋىلىرىمىزنىڭ دىيارىدۇر. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ جان ۋە قان قېرىنداشلىرىمىز، شۇڭا بۇنداق بىر قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتىدۇ دەپ ئويلايمەن».

«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بىز كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىنى قوللايمىز. تۈركىيە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىقى كېرەك. تۈركىيە مەزكۇر مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. زالىم خىتايدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھەرگىز ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق 180 دەك ئاممىۋى تەشكىلات بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلدى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يازدى. بۇلاردىن سىرت كانادا پارلامېنتىدىكى 5 سىياسىي پارتىيەگە مەنسۇپ 13 پارلامېنت ئەزاسى ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجە ئالالمىغان ئىدى. د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ تۈركىيەنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

20-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىرلىكتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىغا كېلەچەك پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ۋە ياخشى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغانىدى.