كېلەچەك پارتىيەسى پۈتۈن تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختات» ماۋزۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلدى. سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان كېلەچەك پارتىيەسى پۈتۈن تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە پۈتۈن تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى ‹زۇلۇمنى توختات› دەپ سۆزلە» ماۋزۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلىدى. 15-مارت كۈنى باشلانغان پائالىيەت بىر مىليون ئىمزا يىغىلغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى ئىمزاسىنى سابىق باش مىنىستىر، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قويغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ باشچى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ پۈتۈن تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ھازىر پۈتۈن ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بەزى يەرلەردە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت رۇخسەت بەرمەيۋاتىدۇ. لېكىن ھەممە يەردە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان جايلاردا تور ئارقىلىق ئىمزا يىغىۋاتىمىز. بۇ پائالىيەت باشلانغىلى 15 كۈن بولدى، يەنە 15 كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن يىغىلغان ئىمزالارنى تۈركىيە پارلامېنتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچىمىز».

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئەسكى شەھەر دېگەن يەردىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 31-مارت، تۈركىيە.

كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇللاھ باشچى ئەپەندى يىغىۋاتقان ئىمزانىڭ بىر مىليون بولاي دەپ قالغانلىقىنى، بۇنى تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى خەلققە ئاڭلىتىش، يىغىلغان ئىمزانى تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا تۈرك خەلقىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمىز. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىگە ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتماقچى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا نۇرغۇن دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىگىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك بىرلىكىنى تەرغىب قىلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باغچەلى ئەپەندىمۇ، مۇسۇلمانلىقنى تەكىتلەۋاتقان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ بۇ سۈكۈتىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت».

مەلۇم بولغىنىدەك 25-مارت كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەت، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر، خىتايدىن سېتىۋالغان 50 مىليون ۋاكسىنىنىڭ قالغان قىسمىنىڭ تۈركىيەگە قاچان ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇلاردىن سىرت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ۋاڭ يى بىلەن قولىنى ئۇرۇپ كۆرۈشۈشى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچى پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى بىئارام قىلدى. كېلەچەك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ باشچى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ھەر ھەپتە ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن قولىنى ئۇرۇپ كۆرۈشۈشى كۆڭلىمىزنى بەكلا يېرىم قىلدى. بىز ھېچ بولمىسا رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ۋاڭ يىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوئال سورىشىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى سورىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. بۇنىمۇ قىلمىدى، ياخشى كۈتۈپ يولغا سېلىپ قويدى».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن پۈتۈن تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

كېلەچەك پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە ئايالى ساھرا خانىم 4-مارت كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى تراگېدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى ياچېيكىسى بۇ يىل 13-يانۋار كۈنى ۋىلايەت بويىچە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 15-فېۋرال كۈنى 15 مىڭ ئىمزانى تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.