قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇرلار قۇرغان كەڭ بۇلۇڭ يېزىسى 100يىللىق تەۋەللۇتىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2021.10.19
قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇرلار قۇرغان كەڭ بۇلۇڭ يېزىسى 100يىللىق تەۋەللۇتىنى ئۆتكۈزدى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چۇي ۋىلايىتىنىڭ «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مەزكۇر يېزىنىڭ ئاياللار كېڭىشى. 2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر.
RFA/Féruze

16-ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چۇي ۋىلايىتىنىڭ «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى. تەنتەنىلىك مۇراسىم «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت ئويىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يېزىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر مىللەت ۋەكىللىرى مەزكۇر تەنتەنە پائالىيىتى ئۈچۈن مىللىي چېدىر تەييارلاپ ئۆز مەدەنىيەت بايلىقىنى نامايان قىلدى ۋە قاتناشقۇچىلارغا مىللىي تائاملارنى تەقدىم قىلدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ تۇنجى ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇلار ئاساسلىقى گۈرۈچ تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرى بويىچە دەسلەپتە «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسى «قىزىل تۇئۇ» ( قىزىل تۇغ) دەپ ئاتالغانىدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى كەرىمجان قادىروف ئەپەندى مەزكۇر يېزىسىنىڭ تارىخى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چۇي ۋىلايىتىنىڭ «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە خاتىرە سۈرەت. 2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر.
قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان چۇي ۋىلايىتىنىڭ «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە خاتىرە سۈرەت. 2021-يىلى 16-ئۆكتەبىر.

1920-يىلى سوۋېتلار ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «باسمىچلار» ھەرىكىتىنى باستۇرغاندىن كېيىن قىرغىزىستاندا يەر-سۇ ئىسلاھاتى باشلانغانىدى. يەر-سۇ ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى تېرىلغۇ يەرلەرنى كېڭەيتىش ۋە دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇشى ئىدى. بۇ سەۋەبلەردىن 1921-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە «قوشچى» دېھقانلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغان. مەزكۇر دېھقانلار ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۆماروف تېيىپاخۇن ھاجىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن تۈرلۈك تەقدىرنامىلەرگە ئېرىشكەن.

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۈگۈنكى كۈنلەردە «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىدا ئاھالە بويىچە ئۇيغۇرلار تۇڭگان ۋە قىرغىزلاردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپ دېيىشمەكتە، سەۋەبى ستالىننىڭ باسقۇنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىز ياكى ئۆزبېك دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار پەقەت «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىغىلا ئەمەس بەلكى قىرغىزىستان ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «كەڭ بۇلۇڭ» ناھىيەلىك كېڭىشىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىننىڭ ۋەكىلى گۈلنارا سۇپېرگېنوۋا مەزكۇر يېزىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «‹كەڭ بۇلۇڭ› يېزىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىگە كەلسەك، يېزىمىزنىڭ ئەڭ كونا ئاھالىلىرى ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇلار ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا بۇ يېزىغا كۆچۈپ كېلىشكەن، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى فاشىستلارغا قارشى جەڭگە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ‹كەڭ بۇلۇڭ› يېزىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى تاختايدا يېزىلغان. ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ يېزا دەسلەپتە ‹قىزىل تۇئۇ› يېزىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن ‹دىمىتروف› ۋە باشقا ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەر دائىم ئۆزلىرىنىڭ مېھنەتكەشلىكى بىلەن يېزا ۋە ناھىيە تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئابدۇللايېف ئاكا-ئۇكىلارنى گەۋدىلەندۈرمەكچىمەن. ئۇلار ھەقىقەتتىن يېزىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا زور سېلىقلارنى قوشۇپ كەلمەكتە».

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىغا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئىلى ۋىلايىتىدىن ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايلىقىنى ۋە ئەنئەنىلىرىنى، بولۇپمۇ مەشرەپنى يېزىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن. بۈگۈنكى كۈنلەردە «كەڭ بۇلۇڭ» يېزىسىنىڭ جامائىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ چۇي ۋىلايىتىگە شۇنىڭدەك يەنە ئىسسىق كۆل ۋىلايىتى، ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزىلىرىغىمۇ تارقالغان بولۇپ، ئوش قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى يېزىلىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.