مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بىر كەنت ساقچىسى، ئۆزى ياشاۋاتقان توققۇزاق ناھىيەسىدە 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل روزا تۇتۇشنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكى، بۇلتۇر ۋە بۇ يىلغا كەلگەندە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ خېلىلا يۇمشىغانلىقى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆتكەن يىللاردا داۋام قىلغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى دولقۇننىڭ نەتىجىسىدە ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك روزا تۇتۇشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تېلېفونلىرىمىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئىشلار ۋە بىرلىكسەپ قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلار تەرىپىدىن جاۋاپسىز قالدۇرۇلدى. قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رامىزاننىڭ قاچان كىرىپ قاچان چىقىشىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاقتىكى بىر كەنت ساقچىسى بۇ يىلمۇ رامىزانلىق بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرى ھەققىدە يىغىنلار ئېچىلغانلىقى، يىغىنلاردا «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەنلىكى، ئەمما رامىزان چەكلىمىسىنىڭ ئالدىنقى يىللاردىكىدەك تەكىتلەنمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ يىغىنلاردا ئاھالىلەرگە روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىختىيارى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ دىيىشىچە، رامىزان چەكلىمىى 2017-يىلى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ۋە 2019-يىلىغا قەدەر ئۇدا ئۈچ يىل ئاشكارا ۋە ئىزچىل ئىجرا قىلىنغان.
بۇ چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە توختالغان مەزكۇر ساقچى خادىمى 2017-يىلدىن ئىلگىرى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي كۈچ» لەرنىڭ تەسىرىدە رامىزان مەزگىلدە ناھىيەدە ئاشخانىلارنىڭ پۈتۈنلەي تاقالغانلىقى، روزا تۇتۇشنىڭ يۈزدە يۈز دېگۈدەك ئومۇملىشىپ كېتىپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەنە بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر چەكلىمىلەرنى بۇلتۇر ۋە بۇ يىل بىراز يۇمشاتقان. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى رامىزان تۇتماسلىقنى ئاشكارا بۇيرۇق قىلمىغان، بۇ يىلغا كەلگەدە پۇقرالارنىڭ روزا تۇتۇش-تۇتماسلىق ھەققى بارلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن. ئەمما ئاھالىلەر ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تىن يىرگىنىپ كەتكەن ياكى قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا، چەكلىمە يۇمشىغان تەقدىردىمۇ روزا تۇتمىغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى نازارەتچىلىك ۋە پايلاقچىلىق خىزمىتى داۋامىدا بىرمۇ روزا تۇتقان كىشىنى ئۇچراتمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ھەر قېتىم خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا بىرەر خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىشنىڭ ئالدىدا رايوندىكى بىر قىسىم چەكلىمىلىرىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يۇمشىتىش ۋە ھەتتا سۈنئىي سەھنە ھازىرلاش ئارقىلىق تەنقىدلەردىن ئۆزىنى قوغداپ كەلگەن ئىدى. يۇقىرىقى ئەھۋالدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توققۇزاقتا سۈنئىي بىر دىنىي مۇھىتنى ھازىرلاشنى كۆزلىگەنلىكى، ئەمما ئاھالىلەر ئۈركۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق بىر سەھنىنى ھازىرلاشتا دائىرىلەرنىڭ كۈتكىنىدەك، بۇ سەھنىگە ماسلىشالمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.