جون جامال گىللې: ئۇيغۇرلار ئۆز ھېكايىلىرىنى كىيىم لايىھەلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ تەسىرلىك ئاڭلىتالايدۇ
2022.10.27

2022-يىلى سېنتەبىرنىڭ باشلىنىش ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق سىتوكھولم مودا كىيىم ھەپتىلىكى شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 19 ئېكراندا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغانىدى.
3-سېنتەبىر، سىتوكھولمدىن شىۋېتسىيە مودا كىيىم ھەپتىلىكى تارقىتىۋاتقان نەق مەيدان ئېكرانىدا، مودېللارنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلسۇن»، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەندەك خەتلەر چۈشۈرۈپ لايىھەلەنگەن ئاق رەڭلىك لىباسلارنى كىيىپ سەھنىگە چىقىشى، بۇ كىيىم ھەپتىلىكى تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان تۇنجى ئىش ئىدى.
بۇ كىيىملەر شىۋېتسىيەدىكى ياش خىتاي كىيىم لايىھىلىگۈچى لۇئىس شىن(Louise Xin) نىڭ «مېنىڭ بىر تىلىكىم بار-يېڭى باشلىنىش» تېمىسىدىكى مودا كۆرگەزمىسىدە كۆرسىتىلدى. ئۇ بۇ مودا كۆرگەزمىسىدە كۆرسىتىلگەن لايىھە توپلىمىنىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى تەرىپىدىن ئېنىقلانغان 3000 نەپەر ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىملىرىنى چۈشۈرۈپ لايىھەلەنگەن كىيىمنى ئۇچىسىدا كىيىپ سەھنىگە چىققانىدى. شۇنداقلا ئۇ بۇ خەلقئارالىق مودا سەھنىسىدە ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن كىيىملەرگە «ياق» دېيىش چاقىرىق قىلغانىدى.
شىۋېتسىيەدىكى ياش خىتاي كىيىم لايىھىلىگۈچى لۇئىس شىن((Louise Xin شىۋېتسىيە مودا ھەپتىلىكى جەريانىدا رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان ئۇشبۇ كىيىم-كېچەك لايىھەلىرىنى كۆرسىتىشتەك پۇرسەتكە ئېرىشىتۈرگۈچىنىڭ شىۋېتسىيە مودا جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى جون جامال گىللې (John-Jamal Gille) ئەپەندى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىشتەك چاقىرىقنى شىۋېتسىيە كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ مودا كۆرگەزمە سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشتا رول ئوينىغان بۇ شەخسنى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنياۋى مودا كۆرگەزمىسىگە لۇئىس شىننىڭ لايىھەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنالنى قوللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش كىيىم-كېچەك سانائىتى، جۈملىدىن كىيىم مودا ساھەسىدىكى مەۋجۇت بىر كەمتۈكلۈك. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ مەن ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى بىلگەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ ھەقتە بىر ئىش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلغانىدىم. چۈنكى بۇ ساھەنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. كىيىم لايىھەلىگۈچى لۇئىس شىنغا كەلسەك، ئۇ بىر تالانتلىق لايىھەلىگۈچى بولۇپلا قالماي يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇنىڭ لايىھەلىرى بىلەن ئىپادە قىلماقچى بولغان قىممەت قارشى بىرلەشكەنلىكى، مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكى بىر ئىش. شىۋېتسىيە مودا كىيىم جەمئىيىتىمىز بۇ نۆۋەتلىك كىيىم ھەپتىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ بىرى سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بۇ لايىھەلەرگە سەھنە بەردۇق ۋە يارىتىلغان نەتىجىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇق. شەخسەن مەنمۇ بۇ مودا كۆرگەزمىسىدىن ھەقىقەتەن ھوزۇرلاندىم».
بىز ئۇنىڭدىن كىيىم مودا ساھەسى شۇنداقلا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئاگاھ بولۇشنى قانچىلىك بىر جىددىي مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«كىيىم ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئىپادە قىلىدىغان ۋە كۈندىلىك ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم بويۇم. ئەمما ئىنسانلار بۈگۈنكى كۈندە كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى پاختىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىنىڭ قانداق مودىنى كىيىشىگىلا ئەمەس بەلكى قانداق بىر ئىنسانىي قىممەت قارشىنى كىيىۋاتقانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇ سىگنالنى كىيىم ھەپتىلىكىدەك سەھنىلەردە جانلىق ھالدا يەتكۈزگىلى بولىدۇ».
ئۇ يەنە كىيىم سانائىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلىشى دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق ئىمپورت چەكلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىيىم پاسونلىرى ساھەسى-ئىنتايىن زور كۆلەملىك بىر كاپىتالىزم ماتورىنى ئاساس قىلىدىغان ساھە. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىشلىنىپ ۋە سېتىلىپ ئۇچىسىغا چىققانلىقىدىن تولۇق خەۋەردار بولمىسىمۇ ئەمما كىيىم سانائىتىدىكىلەر ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىش ئالدى بىلەن بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ تونۇشى ۋە ئاڭلىقلىقى بىلەن باشلىنىشى كېرەك.
ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكاغا ئوخشاش پاختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەك بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنى يولغا قويۇپ ئىجرا قىلغاندىلا، دۇنيا مىقياسىدىكى كىيىم-كېچەك سانائىتىدە ھەمكارلىق ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەقىقىي چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ».
شىۋېتسىيە مودا كىيىم جەمئىيىتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى جون جامال گىللې ئەپەندى يەنە، ئۇزاق تارىخقا ۋە گۈزەل كىيىم مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا داڭلىق كىيىم مودېللىرىدىن تارتىپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ بۇ زىيانكەشلىكىدىن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا، كىيىم مودا ساھەسىدە ئۇيغۇر تالانت ئىگىلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە كىيىم لايىھەسى ۋە مودا ساھەسىدە تالانتى بار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە پۇرسەتلەرنى قوغلىشىشى كېرەك. چۈنكى ھەر قانداق بىر كىيىم لايىھەسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىر قىلغۇدەك ھېكايىسى بولىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى لايىھەلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ تەسىرلىك ئاڭلىتالايدۇ ھەم دىققەت قوزغىيالايدۇ. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئىنسانىي قەدر قىممەتنى ئىقتىسادىي قىممەتتىن يۇقىرى قويىدىغان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە جىددىي قارايدىغان ۋە تۈپ ئۆلچەم قىلغان ماركا ۋە ئورگانلار دۇنيادا يەنە كۆپ، ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتىكى تالانت ۋە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگەندە سەھنىلەر ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئېچىلىدۇ».
ئاخىرىدا جون جامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىۋېتسىيە مودا جەمئىيىتى 2009-يىلى شىۋېتسىيە مودا سانائىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇستەقىل تەشكىلات بولۇپ، نيۇ-يورك، لوندون ۋە پارىژدىكى خەلقئارالىق مودا كىيىم ھەپتىلىكى، سىتوكھولم مودا كىيىم ھەپتىلىكى قاتارلىق خەلقئارالىق مودا كىيىم ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كەلمەكتىكەن.