«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر مۇنبەر، 9-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇل كازلى چەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەسئۇلىيەتكە چاقىرىش» نامىدا چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ۋە تۈرك پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ژۇرنالىسىتلار، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان «ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى بۇغرا كاۋۇنجۇ خىتايغا قايتۇرۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«بىز خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا بولۇۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ بىز سىلەرگە ئوخشاش ئېنېرگىيە ۋە قىزغىنلىق بىلەن بۇ كۈرەشنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىمىز.»

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئاق پارتىيە ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىلدىز كوناك سۈسلۈ ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايغا ئوخشاش چوڭ بىر دۆلەت سىلەردىن قورقىۋاتىدۇ. خىتاي قورۇققانلىقى، تۇتقۇنلارنى يوق قىلىۋېتىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ۋە سىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىز پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى بويىچە بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتچىلەردىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» ناملىق ھەرىكەتنى تەشكىللىگەن، بۇ جەريانىدا كەڭ كۆلەملىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇلار «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى جەريانىدا توپلانغان ئىمزالارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتىپ، ب د ت نىڭ خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا ئۆز ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىق قىلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەدىنە نازىمى خانىم، ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ جەريانى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
«لاگېر تۇتقۇنلىرى مۇنبىرى» نىڭ ۋەكىلى مىرزەخمەت ئىلياسئوغلى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۆز ئاۋازنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار تۈركىيەدە «مىللەت نۆۋەتتە» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.