كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى 2021-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئاساسلىقى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ 2020-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى تەپسىلىي تىزىپ چىقىلىپ خىتاينى ئەيىبلەشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى گەۋدىلەنگەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2021-يىلى 13-يانۋار، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2020-يىلى دۇنيا مىقياسىدا باستۇرۇشلارنىڭ خىتايدا گەۋدىلىك ۋە كۈنسايىن ئېغىرلاشقان. شۇڭىمۇ، 761 بەتلىك بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسلىق قىسمى خىتايغا مەركەزلەشكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا: «بۇ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرى» دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا يەنە «شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، پاش قىلغۇچىلارنى نىشانلاش، خوڭكوڭغا زەربە بېرىش ۋە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى پرېزىدېنت شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى ناچار ۋەزىيەتنىڭ بىر قىسمى» دەپ شەرھلەندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شىنجاڭدا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى كىملىكى ئاساسىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، يەنە بەزىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە، كەڭ كۆلەملىك نازارەتكە ۋە سىياسىي تەربىيەگە ئۇچرايدۇ. ئىچكى موڭغۇلدا، سېنتەبىردە مائارىپ تارماقلىرى رايون مەكتەپلىرىدىكى بىر قانچە سىنىپتا موڭغۇل تىلىنى خىتايچىغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلغاندا نامايىش يۈز بەردى» دەپ كۆرسىتىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىي رىچاردسون خانىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ دۇنياغا زىيان سالىدىغانلىقىنى بارغانسېرى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ بىرلىك كۈچى شىنجاڭدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوشۇمچە نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى قوللاشقا ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزلاردىن جازاسىز قېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەتبىقلىنىشى كېرەك» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئامېرىكا جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىغىمۇ باھا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 2020-يىلى يەنە دۇنيا ھۆكۈمەتلىرى، ئۆچ ئېلىشتىن قورقماي خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتە: «2020-يىلى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەر، ب د ت ئەمەلدارلىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دۇنيادىكى پۇقرالار جەمئىيىتى گۇرۇپپىلىرى خىتايدىكى، بولۇپمۇ خوڭ كوڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى. ب د ت نىڭ 50نەپەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ئېلان قىلغان مىسلى كۆرۈلمىگەن بىرلەشمە باياناتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى «كوللېكتىپ ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى» دېگەندەك مىساللار كۆرسىتىلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىنىڭ يەنىلا يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ «خىتاي بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىغا كىردى. ۋىزا، دىپلوماتىيە ۋە ژۇرنالىستلارغا قارىتا جازا قوللىنىلدى ۋە يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەمدە كونسۇلخانىلار تاقالدى. ئاۋسترالىيە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا پۇختا تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، سودا تاموژنا بېجى ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى 2020-يىلى ئەجەللىك تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى يۇقۇملىنىش پاش قىلىنىشى بىلەن تولۇق نامايان بولدى»، «بېيجىڭنىڭ باستۇرۇشى-خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» پۈتۈن مەملىكەتتە چوڭقۇرلاشتى».
دوكلاتتا خىتايدا ۋىرۇس دەسلەپكى تارقىلىشىنى ۋە ۋۇخەننىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى پاش قىلغان لى ۋېنلىياڭ قاتارلىق كىشىلەر ۋە دوختۇرلارنىڭ ھەم مۇخبىرلارنىڭ جازالانغانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ۋە ۋىرۇس زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى نازارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئېغىر پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتايدا ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى، داڭلىق تەنقىدچىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە زژۇرنالىستلارنىڭ كۆپلەپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنغانلىقى، نۇرغۇن ئۆكتىچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاغدۇرمىچىلىققا كۈشكۈرتۈش» ياكى «ماجىرا تۇغدۇرۇش» جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ بايان قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسى ياكيۇ ۋاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، باستۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن بارغانسېرى كۈچەيدى. سىز، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كومپارتىيەنىڭ قانداق قىلىپ ھەر قانداق مۇستەقىل پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ چىدىمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز. خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىمۇ سىياسىي ساداقەتكە بولغان تەلەپ كۈچەيدى».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭدا 2019-يىلى ئالتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان نامايىشتىن كېيىن تەخمىنەن 90 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى داۋاملىق تۈردە ھەر يىلى ئۆزىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بارىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى كېننىت روت، يىللىق دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە ئامېرىكانىڭ كېيىنكى ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ ئۇ ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئامېرىكا سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى بولالامدۇ يوق؟ بۇ بايدىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇلتۇر ئېلان قىلغان 2020-يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىنى «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دۇنياۋى تەھدىت» دەپ ئاتاش ئارقىلىق، ئىلگىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئېقىمغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى.