كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشتە 3-دۆلەت توزىقىنى قوللانماقتا»

0:00 / 0:00

باش شتابى ئىتالىيەدىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتى 18-يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى خىتاي قاچقۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشتە خەلقئارا قانۇن، ئ‍ۆلچەملەرگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «ئ‍ىختىيارىسىز قايتۇرۇش: خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى قاچقۇنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش مەخپىي ھەركىتى» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي قاچقۇنلىرىنى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشتە ئۈچ خىل مېتودنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل مېتود مۇساپىر ياكى قاچقۇنلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش، ساقچى ۋە ئاگېنتلىرىنى ئۇلار تۇرۇشلىق دۆلەتكە ئەۋەتىپ بىۋاستە پاراكەندە قىلىش ۋە ياكى ئۇلارنى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ 3 خىل مېتودنى كونكىرېت قانداق ئىجرا قىلغانلىقى سانلىق مەلۇماتلار ۋە كونكىرېت دېلولار بىلەن تەپسىلىي شەرھىلەنگەن بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قانداق قانۇنىي تۈس بەرگەنلىكى، بىراق ئۇنىڭ 2-ۋە 3-خىل مېتودلىرىنىڭ نىشاندىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي ئ‍ىگىلىكى ھەم خەلقئارا قانۇن، ئ‍ۆلچەم ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قائىدە-يوسۇنلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئائىلە ئەزالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ياكى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۈيىئىستېمال قىلىش، ئۇيغۇرلار تۇرۇرشلۇق دۆلەتلەردە ۋاستىلىق تۇتقۇن قىلىش ياكى 3-دۆلەت ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق ۋاستىلارنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە ماشلاشتۇرغۇچى خادىمى چېن يەنتىڭ 18-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ يامىنى خىتاينىڭ بۇ مېتودلارنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قانۇنىي چۈشەنچە بېرىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چېن يەنتىڭ مۇنداق دېدى: «بىز دوكلاتىمىزدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىشاندىكى كىشىلەرگە قارىتا ئىشلىتىۋاتقان 3 خىل مېتودىنى تونۇشتۇردۇق. بۇ مېتودلارنىڭ بىرى، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، چەت ئەلدىكىلەرگە بېسىم قىلىش. 2-خىل مېتودى بەزىدە بىۋاستە ئۆزىنىڭ ئاگېنت ۋە ساقچىلىرىنى نىشاندىكى كىشى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك ياكى تەھدىت سېلىشتۇر. 3-خىل مىتودى نىشاننى تۇتقۇن قىلىش. مېنىڭچە، دوكلاتتىكى ئەڭ مۇھىم بايقاش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ مېتودلارنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قانۇنىي چۈشەنچە بېرىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى خىتاي گراژدانلىرىغا قاراتقان بۇ خىل مېتودلىرىغا قانۇنىي چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قورقۇنچلىق ئەھۋال ئىكەن. چېن يەنتىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇنىڭغا دائىر قانۇنىي ھۆججەتلىرىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە قانۇنىي تەدبىرلىرىدە بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش، قاماش ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلغان. بۇ ئەھۋال ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپلا قالماي، ئىنتايىن قورقۇنچلىقتۇر. ئەلۋەتتە، سىز بۇنداق چۈشەنچىدىكى قانۇن ھۆججەتلەرنى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ئۇچراتمايسىز.»

«كىشىلىك ھوقۇقنى قودىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ 69 بەتلىك دوكلاتىدا، ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىت سېلىش خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتىكى ئومۇمىييۈزلۈك ئۇسۇلى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2017-يىلى بۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقى، شۇ يىلى مىسىردا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تېلېفون قىلىپ، قايتىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بەزىدە بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق تۇتقۇن قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقى، مىسىر ۋە ئ‍ەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ساقچىلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىغا ياردەملىشىپ، قانۇنلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە قايتۇرغانلىقىنى، 2018-يىلى دۇبەي ساقچىلىرىنىڭ ئەخمەتجان تالىپنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا قايتۇرۇشى ۋاستىلىق تۇتقۇن قىلىشنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا دۇبەي تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەخمەتجان تالىپنى قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئاساس يوقلىقى، ئ‍ۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشتىكى يەنە بىر ئۇسۇلى 3-دۆلەت توزىقى بولۇپ، تۈركىيە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى ئىكەن.

چېن يەنتىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھۈسەيىن توختى ئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە ئەزاسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ھۈسەيىن ئىمىن توختى توركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغا ۋاقتىدا خىتاي خادىملىرى تۈركىيە ساقچىلىرى بىلەن بىللە ئۇنى سوراق قىلغان ۋە خىتاي خادىمى ئۇنىڭغا: ‹ساڭا 3 خىل تاللاش يولى بېرىمىز. بىرىنچىسى، بىز ئۈچۈن ئىشلەپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىسەن. ئىككىنچىسى، تۈركىيەدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتىسەن. ئۈچىنچىسى، 3-بىر دۆلەتكە كېتىشنى تاللايسەن› دېگەن.»

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە خىتاي ساقچىسى ھۈسەيىن ئ‍ىمىن توختى ۋە باشقا 3 نەپەر ئۇيغۇرغا ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ياكى قازاقىستتاننىڭ بىرىنى تاللاشنى شەرت قىلىپ قويغان. دوكلاتتا تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇبەينى تاللىغانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ دۇبەيگە بېرىپلا غايىپ بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ياكى خىتاي ئاگېنتلىرىنىڭ تۇتقۇنىغا ئۇچرىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ نۇرغۇن تۇتقۇنلارغا ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىپ، مەزكۇر خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا قاچقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى «ئىختىيارىسىز قايتۇرۇش» يولى بىلەن ئېلىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت دېرىكتورى لاۋرا خارتنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق زىيارىتىمىزدە: «ئالدى بىلەن ئىنتېرپول ئ‍ۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ياۋروپادىكى خىتاي بىلەن داۋاملىق جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بولغان بارلىق دۆلەتلەر بۇ كېلىشىملەرنى دەرھال توختىتىشى كېرەك،» دېدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىنتېرپولنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلمايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكەرلىق ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دېموكراتىك ئەللەر، قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلەر ئىنتېرپولنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە شۇنى چۈشىىنىشى كېرەك: بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلمايدىغان، كىشىلەرنى غايىپ قىلىۋېتىدىغان، ئادىل سوتلىنىش ئۆلچەملىرىگە كاپالەتلىك قىلمايدىغان، تەن جازاسى بېرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا بولمايدۇ.»

«كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە ئۇنىڭ قوزغىغان «چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش» ھەركىتى بىلەن خىتايدىن قاچىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئارتقان. دوكلاتتا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، 2012-يىلدىن 2020-يىلغىچە چەت ئەلدە سىياسىي پاناھلانغۇچى خىتاي گراژدانلىرىنىڭ 700 پىرسەنت ئارتقانلىقى، 2020-يىلى 110 خىتاينىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى، شۇ يىلى يەنە 175 مىڭ 585 خىتايغا ب د ت نىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋە باشقا خىتاي دۆلەت ئاگېنتلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىغا كېڭىيىشى، شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى باشلىغان «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ 2014-يىلدىن بېرى 10 مىڭدەك كىشىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.