كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك»

0:00 / 0:00

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈزگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشىدىن كېيىنلا ۋەزىپىگە چىققان بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئۇيغۇر دەۋاگەرلەر جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم تاشقىي سىياسەت مەسىلىسى قىلىشقا چاقىرماقتا.

22-يانۋار كۈنى ئامېرىكانىڭ «تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادوۋكات، خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ھەدىسى رەيھان ئەسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى يونا دايموند ماقالە ئېلان قىلىپ، جوۋ بايدىن ھاكىمىيىتىنى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى خالىغانچە لاگېرلارغا قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇلللىنىۋاتقان خىتايغا قارىتا بىر تۇتاش تاشقىي سىياسەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىرغان.

ئۇلار ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «يېڭى كەلگەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ‹رەھبەرلىك، ھەمكارلىق ۋە دېموكراتىيە› دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىنتايىن توغرا سۈپەتلىدى. ئەمما بۇ قىممەت قاراشلار خىتاي تەرىپىدىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، چۈنكى خىتاي داۋاملىق دۇنيا بىلەن زىتلىشىش مەنتىقىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ئەندىزىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلماقتا. ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىك قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ دۆلەت ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا بۇ تەھدىدلەرنى ئېتىراپ قىلىش ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولۇشى كېرەك.»

رەيھان ئەسەت ۋە يونادا دايموند ماقالىسىدە، ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشى نوقۇل سىمۋوللۇق ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «بايدىن ھۆكۈمىتى ئەمدى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كونكرېت تەدبىر قوللىنىشى كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسسىلىرىمۇ يۇقىرىقى ماقالىدا ئېيتىلغاندەك، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن شېرىك دۆلەتلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاندىن بۇ شېرىك دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بايانات ياكى باھا ئېلان قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز ھالدا رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن بېسىم قوللىنىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان تەقدىردە ئامېرىكا چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ‹B› پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك»

«تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى تەسىر ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلەش فونكىتسيەسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە مۇنداق دىيىلگەن: «ب د ت خەۋپسزلىك كېڭىشىدە ئولتۇرىدىغان خىتاينى خەلقئارا مۇنبەردە جاۋابكارلىققا تارتىش ئىستىقبالىنىڭ يىراق بولۇشىغا قارشى، ئامېرىكا كۈچىنى دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. بايدىن ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇئەسسسەسەلىرىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان شىركەتلەرنى جازالاشتەك ئىجابىي قارارلىرىنى پەقەتلا ئۇ ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى ئۈچۈن بىكار قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. بايدېن ھۆكۈمىتى جازانىڭ پارامېتىرلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دىياگنوزى قويۇلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئاممىۋى ۋەھشىيلىكنىڭ باشقا باش بىناكارلىرىغىچە كېڭەيتىشى كېرەك. . . بايدىن ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چوقۇم ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا تەرتىپكە تەھدىت دېگەن نوقتىنەزەردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ قارشى تۇرۇشى كېرەك.»

ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا جىددىي قاراپ تەدبىر قوللىنىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەنچە، جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ۋە شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تەسىر كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. يېڭى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىننىڭ سۆزى بولسۇن ھەم شۇنداقلا بايدىن ھۆكۈمىتىگە قوبۇل قىلىنغان باشقا كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن تاللانغانلىقىدىن بولسۇن، مەن جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جىددىي ھەرىكەت قىلىدۇ، دەپ قارايمەن.»

رەيھان ئەسەت ۋە يونا دايموند «تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا بايدىن ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى كونكىرت تەلەپلەرنى قويغان: «بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى تېزدىن ماقۇللىشى، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بازىرىغا كىرىشىنى توسىشى كېرەك. يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇشىنى توسۇشى ۋە ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئامېرىكادىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئاۋام پالاتاسىدا 3 گە قارشى 406 بىلەت ئارقىلىق ماقۇللانغان قانۇن لايىھەلىرىنىڭ قانۇنغا ئايلانماسلىقى ئۈچۈن لوبىچىلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كېڭەش پالاتاسى چوقۇم ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە يول قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ۋە كۈچلۈك سېگنال بېرىشى كېرەك. . . بۇ ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشىشى كېرەك، ياۋروپادىكى شېرىكلىرىنى ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى رەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.»

تەتقىقاتچى ساراھ كۇك بىزگە قىلغان سۆزىدە «قىسقىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرقي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ تامغا بېسىلغان ھۆكۈمەت بىلەن بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك،» دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن باھاغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ھۆكۈمەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىشى كېرەك. مەيلى ئۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى يۇقىرى دەرىجىلىك زىياپەتلەرگە تەكلىپ قىلماسلىق بولامدۇ ياكى بۇ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى توختىتىش ۋە كېمەيتىش بولامدۇ ياكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن چېكىنىپ چىقىش بولامدۇ، قىسىقىسى بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئەمدى ئىلگىرىكىدەكلا نورمال مۇناسىۋەتنى داۋام قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە كۈچلۈك سېگنال بېرىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم.»

«تاشقى سىياسەت» ژورنىلىدىكى ماقالە ئاپتورلىرىمۇ بايدېن ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ: «بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكانى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەك. . . ئامېرىكا ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا يەتتە يىل تۇرغان گېرمانىيەلىك پوپ مارتىن نىموللېرنىڭ ‹مەن ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ئادەم قالمىدى› دېگەن مەشھۇر سۆزىدىكى ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك ئالاقىسىدە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پىرىنسىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك،» دەپ ئەسكەرتكەن.